قىرغىزىستاندىكى ياش چېلىشچى رۇستەم رەھمىتۇللا شەرەپ قۇچتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2015-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياش چېلىشچى رۇستەم رەھمىتۇللا
ياش چېلىشچى رۇستەم رەھمىتۇللا
Photo: RFA


بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ 28 - ، 29 - كۈنلىرى ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن «گىرىك - رىم» تۈرى بويىچە خەلقئارالىق ياشلار چېلىشىش مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان كوماندىسى ئومۇمى نۇمۇر بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قىرغىزىستاندىن سەككىز ماھىر قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 18 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى رۇستەم رەھمىتۇللا 74 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ كۈمۈش مىدال بىلەن مۇكاپاتلانغان.

رۇستەم رەھمىتۇللا بىشكەكتىكى «بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ تەنتەربىيە كۇلۇبىنى ئۇيغۇر كارخانىچى سىدىقجان يۈسۈپغۇجا ئەپەندى 2003 - يىلى قۇرغان ئىدى.

قىرغىزىستان كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى پەرھاد ھوشۇر ئەپەندى بۇ يىل تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياشلار چېلىشىش مۇسابىقىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: «بۇ يىلقى خەلقئارالىق مۇسابىقىدە بىزنىڭ قىرغىزىستان كوماندىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. كوماندىمىزنىڭ ئەزاسى رۇستەم رەھمىتۇللا مۇسابىقىدە ئۈچ ماھىرنى يەڭدى. ئۇ 2014 - يىلى تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىدە 69 كىلوگراملىقلار بويىچە ئاسىيا چىمپىيونى بولغان. ئەگەر رۇستەم ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، كەلگۈسىدە دۇنياۋىي مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ دەپ قارايمەن.»

رۇستەم رەھمىتۇللا سەككىز يېشىدىن تارتىپلا «بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبىدا چېنىقىشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى سابىت ئەپەندى كۇلۇبتىكى ئۇستازلارنىڭ كەسپى جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە ئوغلىنىڭ ئون يىلدىن بۇيان يامان ئەمەس نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى ھەمدە ئوغلىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن ئوغلۇمنى كەلگۈسىدە ياراملىق بىر تەنھەركەتچى بولسۇن دەپ سەككىز يېشىدا مۇشۇ كۇلۇبقا ئېلىپ كەلگەن ئىدىم. ئون يىلدىن بۇيان ئۇستازلىرىنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن خېلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەن ئۇنىڭ يەنىمۇ تىرىشىپ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

«بۈركۈت»تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى سىدىقجان ئەپەندى مۇشۇنداق بىر تەنتەربىيە كۇلۇبى قۇرۇشتىكى ئوي - مەقسەتلىرى ھەمدە كەلگۈسىدىكى ئىش - پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: «مەن ياشلىرىمىزنى يامان يوللارغا كىرىپ كەتمىسۇن دەپ بۇ كۇلۇبنى قۇرغان. كۇلۇبىمىزدا قىرغىزىستاندىكى مۇسابىقىلەردە چىمپىيون بولغانلار ۋە ئاسىيا چىمپىيونى بولغانلار بار. رۇستەم رەھمىتۇللا 2013 - يىلى موڭغۇلىيەدە بولغان مۇسابىقىدە 64 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئاسىيا چىمپىيونى بولغان. ھازىر بىز ياشلىرىمىزنى قاتتىق مەشىق قىلدۇرۇپ، 2016 - يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتىمىز.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ - قۇۋەتلىشى، مىللەتپەرۋەر تىجارەتچى، سودىگەرلەرنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە يار - يۈلەك بولۇشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا تەنتەربىيەنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بويىچە كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر يېتىشىپ چىقتى. نۆۋەتتە قىرغىزىستاندىكى پۇتبول، بوكس، گىمناستىكا، چېلىشىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىغا ئەزا بولغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يېتىدۇ.

«بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبى قىرغىزىستاندىكى تونۇلغان تەنتەربىيە سورۇنى بولۇپ، ھازىر بۇ كۇلۇبنىڭ ئۇيغۇر، قىرغىز، رۇس، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ماھىرلىرىدىن بولۇپ 300دىن كۆپ ئەزاسى بار.

10 - ، 11 - دىكابىر كۈنلىرى بىشكەك شەھىرىنىڭ «غۇجامقۇل»نامىدىكى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستاننىڭ 2015 - يىللىق چېلىشىش مۇسابىقىسىدە «بۈركۈت» تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرىدىن ئىككى ماھىر 130 كىلوگىراملىقلار ۋە 100 كىلوگىراملىقلار بويىچە چىمپىيونلىققا، يەنە ئىككى ماھىر 74 كىلوگىراملىقلار ۋە 69 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت