ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرق گېزىتى: تۈركىيەنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى تاللىشى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2014-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇكرائىنىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 27-فېۋرال.
ئۇكرائىنىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 27-فېۋرال.
AFP

مەلۇمكى، ئۇكرائىنادىكى سىياسىي ئۆزگىرىش كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ۋە رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكتە. رۇسىيەنىڭ تەمەسى ئۇكرائىنانىڭ تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش بولسا، تۈكىيەنىڭ ئارزۇسى قىرىم يېرىم ئارىلىرىدىكى تاتار قېرىنداشلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، رۇسىيە ئۇكرائىنا ھاكىمىيىتىدىكى ئۆز تەرەپدارلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۇكرائىنادىن ئايرىپ ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىگە قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ۋە رايونغا ھەربىي كۈچىنى يۆتكەپ كەلگەن. رۇسىيەنىڭ بۇ تەمەسى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى غەزەپلەندۈرگەن شۇنداقلا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىۋەتكەن.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2014-يىلى5-مارت كۈنىدىكى سانىدا «تۈركىيەنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى تاللىشى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«رۇسىيە ھازىر قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ئۆز تەرەپدارلىرىنى ئۇكرائىناغا قارشى كۈشكۈرتۈش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنالىقلارغا تەھدىتلىرىنى ياغدۇرماقتا. ئەمما خەلقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ھەربىي كۈچىنى رايوندىن يىراقلاشتۇرۇشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە ھەمىشە ئۆزىنىڭ ۋىتۇ ھەققىنى قوللىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە توغرىسىدا ھەر قانداق بىرەر قارار چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغان ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا ۋە قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق ئۇكرائىنادا تارتقان زىيانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى خىيال قىلماقتا. قىرىم يېرىم ئارىلى موسكۋانىڭ تەمەسى، ئۇكرائىنانىڭ ئاجىز نۇقتىسىدۇر. يەنە كېلىپ بۇ مەسىلە دۇنيادىكى بەزى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.»

تۈركىيە نېمە قىلماقچى؟

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇدئوغلى ئۇكرائىناغا باردى ۋە مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىن توققۇز دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن توپلىشىپ يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قىرىمدىكى تاتارلارنىڭ كېلەچىكى توغرىلىق ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە كۆرە، قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى تاتار خەلقى سوغۇق ئۇرۇشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن، مۇقىملىق ۋە مۇستەقىللىق دېگەنلەرگە ئېرىشەلمىگەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇدئوغلىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۈركىيە قىرىم يېرىم ئارىلىنى سىنگاپورغا ئوخشاش بىر مۇستەقىل دۆلەت قىلماقچى. ئەمما، رۇسىيەنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىغا تۇرماستىن ئەسكەر يۆتكەش ئىشى داۋام قىلماقتا. رۇسىيە بۇ خۇسۇستا نە بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، نە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق بەرمەي كەلمەكتە. قىرىمدىكى تاتارلار بولسا، رۇسلارنىڭ زۇلۇمىنى قايتا تارتىشنى خالىمايدۇ، بولۇپمۇ مۇندىن 70 يىل ئىلگىرى رۇسلار تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنغاندەك ئىككىنچى بىر قەتلىئامنى ھەرگىز خالىمايدۇ، ئۇلارغا تىنچلىق كېرەك. بۇ سەۋەبتىن قىرىملىق تاتارلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر ھىمايىچىسى ۋە ۋەتىنى دەپ تونۇيدۇ. تۈركىيە رۇسىيەگە رايوندا ئۇرۇش يۈز بەرسە، رۇسىيەنىڭلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. مەلۇمكى، رۇسىيەنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ھەربىي بازىسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنىلا مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى قارا دېڭىز ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ سۈرىيەنىڭ تارتۇس شەھىرىدىكى ھەربىي بازىسىغا تۇتۇشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ تەلىپى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«قىرىم يېرىم ئارىلى توغرىلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوينىلىۋاتقان سىياسىي ئويۇنلار تولىمۇ كۆپ، ئەمما تۈركىيەنىڭ تەلىپى پەقەت بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ، قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ئىرقداشلىرىغا ئىگە بولۇش، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش ۋە ئۇلارغا قولىدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىشتۇر. چۈنكى ھازىر ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى» مۇندىن 70 يىل ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمەت ئىنۆنۈنىڭ قىرىمدا رۇسلار تەرىپىدىن قەتلىئامغا ئۇچرىغان ئىرقداشلىرى ئۈچۈن ھېچبىر ئىش قىلالماستىن، قول قوشتۇرۇپ تۇرغىنىدەك تۇرۇشنى قەتئىي خالىمايدۇ. بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن 40 مىليارد دوللارلىق يىللىق سودا-تىجارىتى بار. بۇ تەرەپتىن زىيان تارتىپ قېلىشنىمۇ خالىمايدۇ، قىرىمدىكى ئىرقداشلىرىنى ئۆز ھالىغا تاشلىۋېتىشنىمۇ خالىمايدۇ. دېمەك، ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقان كرىزىسلار كۆپ. بىر تەرەپتىن فەتھۇللا جامائىتى ئۆزلىرىنى ئىسلامىي جامائەت ۋە دىنغا خىزمەت قىلغۇچىلار دەپ تونۇتۇپ تۇرۇپ، تۈركىيە ئۈچۈن ھەم مىللىي، ھەم ئىسلامىي خىزمەتلەرنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئوت يۈرەك باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردۇغانغا تۇرماستىن يېڭى-يېڭى تۆھمەتلەرنى، ئاساسسىز گۇناھلارنى ئارتىپ كەلمەكتە ۋە مۇشۇ ئايدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تاللاپ چىقىش سايلىمىدا ئەردۇغاننىڭ پارتىيىسىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشماقتا. بۇ جامائەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ۋە دەرسخانىلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا، ئەردۇغاندىن ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، دىنغا ئۆچ، مۇسۇلمانلارنى خالىمايدىغان قارشى پارتىيەلەرگە ئاۋاز بېرىشكە تەييارلانماقتا. ھەتتا ئەردۇغانغا ئاۋاز بېرىشنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە پەتىۋالارنى چىقارماقتا. مانابۇ سۇپىلارنىڭ رەزىللىكىدىن بىر كۆرۈنۈشتۇر، بەس. كۆپلىگەن سىياسىيلار ۋە دۆلەت ئادەملىرى رەجەب تاييىب ئەردۇغاننىڭ كرىزىسلار ئالدىدا تەۋرەنمەسلىك ئىرادىسىنى ۋە كۆڭلىگە پۈتكەن ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى جاسارىتىنى ماختىماقتا.
تۈركىيەنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىمۇ باش مىنىستىرنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت