رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017-02-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا
رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا
RFA/Haji Qutluq Qadiri


مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگە قەدەر رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ياپونىيەدە مەخسۇس زىيارەتتە بولىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەردى.

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنى كۈتىۋېلىش تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ياپونىيە دېموكراتىك سوتسىيال ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى كوجىما ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ:«خەلقئارا ۋەزىيەتتە جىددىي ئۆزگرىش بولۇۋاتقان،ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەييىنلەنگەن بىر ۋاقىتتا، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى، مېنىڭچە، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. چۈنكى، يېقىندىن بۇيان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋەزىيىتىدە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان تاشقى سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى كۈچىيىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق نازۇك بىر سىياسىي ۋەزىيەتتە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنىشىنى، ئەلۋەتتە، مەلۇم بىر تەرەپلەرنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان بەزى بىر پىلانلىرى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس قارار ھازىرلاپ ياپونىيە پارلامېنتىغا دوكلات سۇنغان كاناگاۋا ئۆلكىسى كاماكۇرا شەھەر پارلامېنت ئەزاسى ئۇئىخاتا ئەپەندى، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ:«ئۆتكەن يىلى رابىيە قادىر خانىم كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىدىمۇ پارلامېنتتا ئالاھىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىش قارار قىلىندى. ئىشىنىمەنكى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەھەر پارلامېنتىدا بەرگەن بۇ دوكلاتلىرى يېقىن كەلگۈسىدە مىۋە بەرگۈسى» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت بۇ قېتىمقى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ توكيودىكى دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ياپونىيە تاكۇكوشوكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى فۇجى گېنكى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«ياپونىيە جامائىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟» دېگەن سوئاللىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«ياپونىيە جامائىتى،سىياسىيونلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرى رابىيە قادىر خانىمدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قانداق شەكىلدە باستۇرۋاتقانلىقىنىڭ ھەققىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ مەخسۇس سۆھبەتلەردە بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدە مەخسۇس كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە زىيارەتتە بولىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت