9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رامزان فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رامزان فېستىۋالىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 13-ئىيۇن. ئەنقەرە، تۈركىيە.
9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رامزان فېستىۋالىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 13-ئىيۇن. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ كەچىئۆگرەن رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رامزان فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى.

بۇ فېستىۋالغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 40 جەمئىيەت ۋە ۋەقىپ قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەم باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمەكلىرىمۇ قاتنىشىپ ۋە مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئىتىنى نامايان قىلدى. فېستىۋالغا ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر بالىلار سەنئەت ئۆمىكى قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ئۇيغۇر ناخشا ئۇسسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتتى. ئۇلار بۇلاردىن سىرت يەنە «ئۇيغۇر ئۆيى» نامىدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە چىقىۋاتقان كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەرنى ھەم كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى بۇيۇملىرىنى ساتتى. 

10 كۈن داۋاملاشقان پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىپتاردىن كېيىن، ئۇيغۇر بالىلاردىن تەركىب تاپقان سەنئەت گۇرۇپپىسى سەھنىگە چىقىپ ئويۇن كۆرسەتتى. ئويۇننى فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغان ئەنقەرە كەچىئۆگرەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى مۇستافا ئاق ئەپەندى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم خەلقتىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى كۆردى. مەزكۇر فېستىۋالغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئېرول دەمىر ئەپەندى ئۇيغۇر ئۆمەكنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «كەچىئۆگرەن رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان 9-نۆۋەتلىك رامزان فېستىۋالىغا شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تۈركلىرى كېچىسىگە خۇش كەلدىڭلار! . ھازىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئاتا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مېھمانلىرىمىز بار. خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللا ياردەم قىلغاي». 

ئارقىدىن ئالقىش سادالىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي كىيىمىنى كىيگەن ئۆسمۈرلەر سەھنىگە چىقتى. 

مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر ئەخمەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، ساما ئۇسسۇلىنى ئويناپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانلىقىنى بايان قىلدى. 

كېيىن بىز 35 ئۇيغۇر ئۆسمۈردىن تەركىب تاپقان سەنئەت ئۆمىكىنى قۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، فېستىۋالدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقىغا سوۋغات تەقدىم قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ئۇ، سەنئەت پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «ئۇيغۇر ئېۋى»، يەنى «ئۇيغۇر ئۆيى» نامىدا بىر كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مەشھۇر شەخسلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان سۈرەتلەر قويۇلغانلىقى، قىسقىسى پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بايان قىلدى. 

بۇ پائالىيەتكە تۈركلەردىن سىرت ئەنقەرەلىك ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلارغىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى كەچىئۆگرەن رايونىنىڭ ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ رايونى ئىكەنلىكىنى، سەنئەت كېچىلىكىگە كۆپ ساندا كىشىنىڭ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم 12 يىلدىن بۇيان بۇنداق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ۋە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

بۇ يىل خەلقئارالىق رامزان فېستىۋالىنىڭ 9-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ، مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 2-قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 1-، 2-، ۋە 4-قېتىملىقلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسى «ئۇيغۇر ئۆيى» نامىدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت