مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا يوشۇرۇن توقۇنۇش مەۋجۇت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
4‏-نۆۋەتلىك ئاسىيا ھەمكارلىق يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن كەچلىك زىياپەتتە. 2014-يىلى 20-ماي، شاڭخەي.
4‏-نۆۋەتلىك ئاسىيا ھەمكارلىق يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن كەچلىك زىياپەتتە. 2014-يىلى 20-ماي، شاڭخەي.
AFP

مۇتەخەسسىسلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقى قارىماققا ياخشى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا يەنە يوشۇرۇن توقۇنۇشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

29-دېكابىر كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى ئېلان قىلغان «ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا يوشۇرۇن توقۇنۇش مەۋجۇت دەپ قارىماقتا» ناملىق ماقالىدە خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا كېلەچەكتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشلاردىن بېشارەتلەر بەرگەن.

ئەسلى مەنبەسى گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولغان «ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا يوشۇرۇن توقۇنۇش مەۋجۇت دەپ قارىماقتا» ناملىق ماقالە، لوندون خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرى بويدنىڭ قاراشلىرىغا ئورۇن بەرگەن. ماقالىدە خىتاينىڭ خەلقئارادا تەسىر كۈچىنى بارغانسېرى كېڭەيتىشنى سەۋەبلىك، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى يارىتىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن يوشۇرۇن سۈركىلىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھالبۇكى، تېخى ئالدىنقى ھەپتە خىتاي-رۇسىيە باش مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا 30 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

ھېنرى بويدنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى يۈكسەلدۈرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە بولغان تەسىر دائىرىسىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشىشى خالىمىغان رۇسىيە، خىتاينى يوشۇرۇن خەۋپ دەپ قارىغان. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە زور مىقداردا ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەمۇ تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىلىرىنى كېڭەيتكەن.

ھېنرى بويد بۇ ھالەتنى ئىزاھلاپ، رۇسىيەنىڭ خىتايغا بەرمەكچى بولغان سىگنالى: «سىلەر بەك بولسا بۇ رايوندا تېخىمۇ كۆپ سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايسىلەر، ئەمما بىز ئەڭ مۇھىم بولغان بىخەتەرلىكنى قوغداش رولىمىزنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇش نىيىتىدە» دېگەندىن ئىبارەت، دېگەن.

ھېنرىي بويدنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە كۆپ مىقداردا مەبلەغ سالغان، ھەتتا ئافرىقىدىكى جىبۇتى دۆلىتىگە ھەربىي قاراۋۇللۇق ئورگىنى قۇرغان. ھېنرىي بودي بۇنى «تۇنجى قەدەم» دەپ ئاتىغان ھەمدە خىتاينىڭ كېلەچەكتە بۇ يۈزلىنىشنى داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە«بۇ مۇئەسسەسىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىتاينىڭ سىياسىي مەنپەئىتىگە تاقىلىدۇ. بىراق، خۇددى سۈرىيەدە يۈزبەرگەنگە ئوخشاش، رۇسىيەنىڭ توقۇنۇشلارغا ھەربىي ئارىلىشىشى سەۋەبلىك، خىتاي مەنپەئەتى زەرەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ خىتايغا قارىتا رېئالنى بولغان بىر خەۋپنى يارىتىدۇ» دەپ قارىغان.

گېرمانىيەدىكى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، تارىختىن بۇيان بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تۇراقسىز بولۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھېنرىي بودي تىلغا ئالغان مەسىلىلەردىن باشقا، رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئېتەكلىرىگە سەلدەك ئېقىپ كىرىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسىمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كېلەچەكتە زىددىيەتكە ئوت پىلتىسى بولىدىكەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، تارىختا بولۇپ ئۆتكىنىدەك، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھېنرىي بويد يەنە، خىتاينىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئەسكىرى كۈچلىرىنىڭ گويا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ھەربىي تەلىم-تەربىيىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ كېيىنكى ئون يىلدا بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھېنرىي بويدنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئەسكەر سانى 150 مىڭدىن ئاشىدۇ، رۇسىيەنىڭ 60 مىڭغا يەتمەيدۇ، خىتاينىڭ بولسا تېخىمۇ ئاز. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بۇ كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدا پات يېقىندا ئۆزئارا زور كۆلەملىك ئۇرۇش بولۇش ئېھتىمالى يوق. 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلاش شارائىتى تېخى يېتىلمىگەن.

خىتاي رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان«سۆيۈملۈك خىتاي مەغلۇپ بولدى، رۇسىيە ھىندىستانغا يۈزلەندى» ناملىق ماقالىدە، رۇسىيەنىڭ ھىندىستاننى خىتايدىن مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقى، ھىندىستان بولسا رۇسىيەدىن ئەڭ چوڭ قورال-ياراق ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكى، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە قارىغاندا، رازىيە-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پۇختا ئاساسقا ۋە ئىشەنچكە سازاۋەر ئىكەنلىكى ھەمدە رۇسىيەنىڭ خىتاينى تاشلاپ، ھىندىستانغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت