شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-09-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمدىن كېيىن قىرغىزىستان ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملىرى يېتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
بىشكەك شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمدىن كېيىن قىرغىزىستان ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملىرى يېتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست، قىرغىزىستان.
rferl.org

13‏-ئاۋغۇست،، قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات‏، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا كونكرېت ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، ش ھ ت نىڭ پاكىستان ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ يىغىن ش ھ ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 29‏-نۆۋەتلىك يىغىنى ئىدى.

بۇ يىغىن، 30‏-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئارقىدىنلا ش ھ ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىقكۆل رايونىدا باشلانغان مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىدى.

ئىسسىقكۆل ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستانغا چېگرىداش تاغلىق رايونىدا 15‏-ئاۋغۇست باشلانغان «تىنچلىق ئەلچىسى‏‏-2016» ناملىق مانېۋىرغا 2000 دەك ئەسكەر قاتناشقان. مانېۋىرغا ئەڭ كۆپ ئەسكەر قاتناشتۇرغان دۆلەت رۇسىيە بىلەن خىتاي بولۇپ، رۇسىيە 500 ئەسكەر، خىتاي 300 ئەسكەر قاتناشتۇرغان. ئەمما ئۆزبېكىستان قىرغىزىستان بىلەن بولغان چېگرا ئىختىلاپى سەۋەبلىك مانېۋىرغا قاتناشمىغان ئىدى.

ئامېرىكا نيۇ يورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى ش ھ ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مېخانىزمىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەر خىل مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى كۈنسېرى قىيىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستىبدات دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ رايوندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئومۇملىشىپ، ھەر خىل لىبېرال پىكىر ئېقىملار تارقىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رادىكال ئىسلامى ئىدىيىلەرنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، نەتىجىدە «بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقى كەلگۈسىدە كۈنسېرى قىيىنلىشىدۇ» دېدى.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: « ئىسلامى ئىدېئولوگىيىلەر بۇ رايوندا ھەر خىل ئىسلامى ئىجتىمائىي دىنىي ھەرىكەتلىرىنى قوزغاۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ رايوندا كەلگۈسىدە ئالاقىدار مەلۇم مۇقىمسىزلىق ئامىلى مەۋجۇت. مېنىڭچە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ داۋاملىق خىتاي بىلەن ھەر خىل يەرلىك دېموكراتىك پىكىر ئېقىملارغا ياكى ئىسلامى رادىكال ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى كەلگۈسىدىكى قىيىنچىلىقى يېنىكلىمەيدۇ، بەلكى تېخىمۇ زورىيىدۇ.»

پروفېسسور شيا مىڭ يەنە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتى ۋە ئۇنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيىسى رادىكال ئىسلامى كۈچلەرنىڭ جىددىي خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتى زور رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، «مەن ئىزچىل بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول ئىستراتېگىيەسى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدىم. چۈنكى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، بۇ يولنىڭ بارلىق چىقىش ئېغىزلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان دۆلەتلەر. ھالبۇكى، خىتاينىڭ شىنجاڭدا قىلغان-ئەتكىنى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ناھايىتى زور ئىنكاس قوزغاپ كەلدى. خۇسۇسەن تۈركىيەدە ۋە مالايشىيادا كىشىلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلدى ھەم قوللىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

لېكىن بەزى رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى خەلقلەردە خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچەيگەن. يېقىندا قازاقىستاندا ھۆكۈمەتنىڭ يەر زېمىننى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشىغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشلار پارتلىغان. نامايىشچىلار بۇنىڭغا يەر زېمىن خۇسۇسىيلاشتۇرۇلسا، بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆپلەپ يەر سېتىۋېلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ، دەپ قارشى چىققان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل كەيپىيات خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى سودا، ئىقتىسادى پائالىيىتى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ كۈچىنىڭ زورىيىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
پروفېسسور شيامىڭ، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ئەنسىزلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋېغى زور توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. بۇ توسقۇنلۇقنىڭ سەۋەبى شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا ھەر خىل. مەسىلەن،بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي توقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك، ئەمما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا بولسا ئىقتىسادى مەنپەئەت ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيەگە ئالاقىداردەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر ئورتاقلىق بار. ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئۇ پەيدا قىلغان تەھدىتتۇر. بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە كېڭىيىشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە بىر خىل ئەنسىزلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ.»

ش ھ ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە بولۇپ، 2004‏-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ خىزمىتى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇشتۇر.

رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىمىرنوف، ش ھ ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىدا 69 تەشكىلات ۋە ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدۇ، دەپ قارالغان 2500 كىشىنىڭ تىزىملىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت