شىۋېتسىيەدىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2015-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شىۋېتسىيەدىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
شىۋېتسىيەدىكى تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Ihsan


شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ جىددىي نامايىش چاقىرىقى بىلەن 9 - ئىيۇل كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 15:00دە سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق تايلاندنىڭ ئەلچىخانسى ئالدىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 109نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۇرۇش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىش بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا باشلاندى،نامايىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەد نامايىش ئەھلىگە بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىتىنى ئاڭلاتتى. ئارقىدىن تايلاند ئەلچىخانىسىغا قارىتا نارازىلىق باياننى ئوقۇپ ئۆتتى.

8 - ئىيۇن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىشى، شىۋېتسيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن جىددىى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى توغرىسىدا جىددىي تەلەپ سۇندى.

9 - ئىيۇل كۈنى ئەتىگەندە جىددىي نامايىش چاقىرىقى چىقىرىپ، ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە تۈرك تەقۋا جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە 100 گە يېقىن ئۇيغۇلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت 9 - ئىيۇل كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتىلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا خەلقىئارانىڭ ئارىلىشىشىنى، خىتايغا بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىش جەريانىدا ئابدۇللا ئەھەد ئۇيغۇر جامائىتىگە كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەرگە قارىتا ئۈمىدسىزلەنمەي، بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت