شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2015-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت نامىزى
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت نامىزى
RFA/Ihsan


شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىر كۈندە 17 - ئىيۇل ئەتىگەندە روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامازنى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سىتوكھولم شەھىرىدىكى رنكىبىي رايونىدا بىر مەسچىتتە ئوقۇدى.

روزى ھىيت نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ ئەھەد رامىزانلىق يىغىلغان زاكات ۋە فىتىر پۇللىرىنىڭ سانى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى جامائەتكە تەپسىلىي ئاڭلاتتى. ئاندىن ئۇيغۇر جامائىتىگە خاس بولغان مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

شىۋېتسىيەدىكى جامائەت ئەربابى فارۇق سادىق جامائەتكە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى ئەستلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىققا،ھەمكارلىققا دەۋەت قىلدى.

روزا ھېيت نامىزىغا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم ئىماملىق قىلغان بولۇپ، ئۆمەر مەخسۇم ناماز خۇتىبىدا شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ھىيت نامىزىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر كۈندە ئوقۇش ھوقوقىدىن مەرھۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ خۇتبىنى دۇئا بىلەن ئاياقلاشتۇردى.

ئاخىرىدا زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر مەخسۇم روزى ھىيت نامىزىنىڭ خۇتبە مەزمۇنى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھىيت نامىزىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىردەك ئوقۇيالمىغانلىقىغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئاڭلاتتى.

نامازدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىر - بىرىنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەشتى، ئۆسمۈر بالىلارغا ھېيتلىق سوۋغا تارقىتىپ بېرىلدى ھەمدە ھىيت پەتىسى قىلىش ئۈچۈن يۈرۇپ كەتتى

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت