توكيودا چاقىرىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم «ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە جەنۇبىي موڭغۇل مەسىلىلىسى» ناملىق  خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم «ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە جەنۇبىي موڭغۇل مەسىلىلىسى» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا
RFA/Haji Qutluq Qadiri


11-نويابىر توكيودىكى مىتا مېھمانخانىسىدا چاقىرىلغان «ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ۋە جەنۇبىي موڭغۇل مەسىلىلىسى» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى، ياپونىيە ئاسىيانىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى ۋە تەيۋەن دېموكراتىيە فوندىنىڭ ھەمكارلىقىدا بىرلىكتە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تىمۇچى رېتو سۆز قىلىپ يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ۋە تەتقىقاتچىلارغا ئۆزىنىڭ سالىمىنى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنى يېقىندىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە، ئالدى بىلەن تەيۋەن سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرىستېتى دۆلەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور ليۇ يۇتەي ئۆزىنىڭ «موڭغۇلىيە،تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ كەلگۈسى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى.

پروفېسسور ليۇ يۇتەي ماقالىسىدە ئاساسلىقى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى موڭغۇلىيە دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئاساسەن ياخشىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى تىبەت ۋە ئىچكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىدا ھەقىقىي ئاپتونومىيە قانۇنى ئىجرا قىلىنماي، يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تىبەت، ئىچكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىدىن ئۆزىنىڭ ئەندىشە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكىدىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى خەن لياۋچاۋ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاراشلىرى ھەققىدە توختالدى.

تەيۋەن قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى شو مېيلى خانىم 2000-يىلى تەيۋەندە چاقىرىلغان «تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە مەسىلىلىرى» خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدىكى ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ،ئەينى چاغدا مەزكۇر يىغىندا خىتاي تەھدىتىگە يالغۇز تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارلا دۇچ كېلىپ قالماستىن، تەيۋەن خەلقىنىڭمۇ خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئۈچ مىللەت بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق ھالدا كومپارتىيەگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ،سۆزىدە شۇنداقلا سۇڭ جۇڭسەننىڭ مىللەت نەزىرىيىسى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.

گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتلىرى فرونتى» تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى پەن يۇڭجۇڭ يىغىندا ئۆزىنىڭ «خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ ۋە ئىلھام توختى» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ خۇ جىنتاۋ ۋە شى جىنپىڭ زامانىسىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى باستۇرۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنىڭ ياۋروپادا ئاڭلىتىلىشى توغرىسىدا توختالدى.

تەيۋەن جۇڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى زېڭ «سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن تاكى پارچىلانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىللەت مەسىلىسى ۋە سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 1996-يىلىدىكى «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرمۇھەممەت ھاشىم ماقالىسىدە، ئالدى بىلەن 1949-يىلىدىن باشلاپ تاكى 1990-يىللارغىچە بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن تۈرلۈك سىياسەتلىرى ھەققىدە توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىم ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن؟ «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» نى ھازىرلىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دايچىن يىغىن ھەققىدە توختىلىپ:«چەتئەللەردىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرنىڭ سانى ياپونىيەدە بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن يىغىننى توكيودا چاقىردۇق. يىغىندا تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل مەسىلىلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ياخشى ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.يىغىننى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت ئاسىيانىڭ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى.

يىغىنغا ئامېرىكا، گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە شۇنداقلا تەيۋەن، خوڭكوڭدىن كەلگەن خىتاي تەتقىقاتچىلىرى كۆپ ساننى ئىگىلىگەنلىكىتىن ۋە كۆپ ساندىكى ياپونلارنىڭ خىتاي تىلىدىن خەۋىرى بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتكۈل ماقالىلەر ئاساسەن خىتاي تىلىدا ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىن ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت بەشكە قەدەر داۋام قىلدى.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىدىن ئىگىلىشىمىزچە، توكيودا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن ئىككى كۈن داۋام قىلىدىكەن ۋە يىغىن جەريانىدا موڭغۇللارنىڭ سەنئەت نۇمىرلىرى كۆرسىتىلىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت