تۈرك مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خابەر ۋاقتىم تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوبزور
خابەر ۋاقتىم تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئوبزور
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەدىكى خابەر ۋاقتىم تور گېزىتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئوبزورچى فاتما تۇنجەر خانىم يازغان «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولىۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالە خابەر ۋاقتىم گېزىتىنىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوبزوردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادىكى سىياسى تەڭپۇڭلۇقنىڭ تېزلا ئۆزگىرىۋاتقانلىقى، 15-ئىيۇلدا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى، سۈرىيە مەسىلىسىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىۋاتقان رۇسيە، ئىران، خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئوبزورچى فاتما تۇنجەر خانىم ماقالىسىدە، ئاخىرقى يىللاردا تۈركىيەنىڭ خىتاي باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى، ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى كۆزدىن ساقىت قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا، كىملىكلىرىنى يوقىتىشقا، بېسىم بىلەن باشقۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلغان.

ماقالىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىن ۋەزىيەت ئاستىدا، مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا رايوندا بېسىم بىلەن قورقۇتۇپ جىمىقتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئوبزورچى فاتما تۇنجەر خانىم ماقالىسىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەپسۇسكى ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئىمكانىيىتىنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ خالىغان ۋاقتىدا، خالىغان ئۇيغۇرنى توسۇپ ئاختۇرۇپ، يانفونلىرىنى تەكشۈرۈپ سوراققا تارتىۋاتقانلىقىنى، خالىغانچە سولاپ قىيناۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېغى بىلەن قورۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، ئوبزورىدا يەنە، خىتاينىڭ بۇ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىگە قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالاۋاتقانلىقىنى، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئوبزورچى فاتما تۇنجەر خانىم خابەر ۋاقتىم تور گېزىتىدە ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولىۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى 3 ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 3500 مەسچىتنى چاقتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە، رايوندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى مەقسىتى خەلقنى ئويغىتىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولغان مەسچىتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتلەرنى كۆزىتىدىغان كۆپ ساندا ساقچى ئالغانلىقى، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ 24 سائەت كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

فاتما تۇنجەر خانىم ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا بۇرۇندىن تارتىپ، روزا تۇتۇشنى چەكلەش، كېيىم-كېچەكلەرگە چەكلىمە قويۇش، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئويغانغان جامائەت ئەرباپلىرىنى يوق قىلىش ۋە قورقۇتۇپ جىمىقتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ كەلمەكتە. رايوندا خىتاينىڭ بېسىمى يەنىلا داۋاملاشماقتا، قېيىن ۋەزىيەتتە ئۆز كىملىكى قوغداشقا، دىنىي ئېتىقادىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىگە ئۇزىتىلىدىغان ياردەم قوللارنى كۈتمەكتە.»

ئوبزورنىڭ ئاپتورى فاتما تۇنجەر خانىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇ كۆز قاراشلىرىنى ئوبزورىدا دېگەنلىكىنى، كېيىنچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز مەزكۇر ئوبزور ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىد گۆكتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھامىد گۆكتۈرك ئەپەندى مەزكۇر ئوبزورنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ياخشى ئوبزور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھامىد گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ خىل ئوبزورلارنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكىگە دەۋانى ئاڭلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئوبزورچى فاتما تۇنجەر خانىم بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ئوبزور يازغان بولۇپ، ھازىر خابەر ۋاقتىم تور گېزىتى بىلەن مىللەت گېزىتىدە ئوبزور يازماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت