تۈركلەر ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار تامىقى يەپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركلەر ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشتا
تۈركلەر ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشتا
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان مەزلۇملار ھەمكارلىق جەمىيىتى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار تامىقى يەپ، نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

«مەزلۇم - دەر» يەنى «مەزلۇملار ھەمكارلىق تەشكىلاتى»ئۇيۇشتۇرغان بۇ نامايىشقا تەشكىلات رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت فارۇق ئۈنسال ئەپەندى، ئەنقەرە شۆبە باشلىقى ئابدۇرراخمان ئۈنلۈ ئەپەندى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىدىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. پائالىيەت قولىدا كۆكبايراق بىلەن ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرىۋالغان نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقات ئەركىنلىكى بېرىلسۇن» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن مەزلۇملار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت فارۇق ئۈنسال ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ، باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئەيەلاش، تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنداقلا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك دۆلىتىنى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنى مەزلۇم بىچارە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

ئارقىدىن 300 ئەتراپىدا كىشى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار تامىقى يېدى.

بۇ پائالىيەت ئۆتكەن يىلىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى، بۇ يىل كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى دىققىتىمىزنى تارتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت