تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ئاممىۋىي تەشكىلاتلار لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامەنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچېھرى ئەپەندى
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامەنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچېھرى ئەپەندى
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستەچى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامەنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچېھرى ۋە كۆپ ساندا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى لۈكچۈندە يۆز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارشى بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينى لۈكچۈن ۋەقەسى توغرىسىدا توغرا مەلۇمات بېرىشكە، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى شۇنداقلا ھەممە بىردەك تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، 26 - ئىيۇل كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈرك ۋە مۈسۇلمان زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا كۆز يېشى ۋە قان تۆكۈلۈۋاتقان ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيە داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۈنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن «ۋىجدانىڭلار، ئەخلاقىڭلار قەيەردە قالدى؟» دەپ سورىدى. ئۇ باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ لۈكچۈندە مەيدانغا كەلگەن ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى، تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن. دۈنيادىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا سەۋىر تاقەت تىلەيمەن.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامەنت ئەزاسى ئۆزجان يېنىچېھرى بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن مەتبۇئات يىغىنىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۈلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ باياناتقا كۆپ ساندا تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورۇن بەردى.

بۇلاردىن باشقا، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە ھازىر تۈركىيەدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۈنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى رادىئومىزغا بايانات بېرىپ خىتاينىڭ 26 - ئىيۇل لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدە توغرا مەلۇمات بېرىشكە، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا، ۋەقەدە تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. شۇنداقلا دۈنيا دۆلەتلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

26 - ئىيۇن سەھەردە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا، ئاممىنىڭ ساقچىخانا ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى شۇنداقلا قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 27 ئادەم قازا قىلغانلىقى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئورۇن ئالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت