تۈرك باھارىمۇ ياكى باھاردىن ۋاز كېچىشمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تاكسىم مەيدانىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 8-ئىيۇن، تۈركىيە.
تاكسىم مەيدانىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 8-ئىيۇن، تۈركىيە.
AFP

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ تەقسىم مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

ئەرەب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەزىسى بۇ نامايىشنى تۈرك باھارى دەپ تەسۋىرلىسە، بەزى مەتبۇئاتلار ئۇنى باھاردىن ۋازكېچىش نامايىشى دەپ تەسۋىرلىمەكتە. يەنە باشقا مەتبۇتلاردا ھەر خىل تەھلىللەر ۋە كۆز قاراشلار ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. قىسقىسى، ئەرەب دۇنياسى تۈركىيەدە بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن تەقىب قىلىپ تۇرماقتا.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 12-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «تۈرك باھارىمۇ ياكى باھاردىن ۋاز كېچىشمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
تۈركىيەنىڭ تەقسىم مەيدانى يۈز بەرگەن 500 كىشىلىك نامايىشنىڭ بۇنچىلىك تېز چوڭىيىپ كېتىشىنى ۋە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشىنى ھېچكىم كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. 2011-يىلدىن بىرى ئەرەب باھارىنى كۆپ كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغان خەلق تۈركىيەدە چىققان بۇ نامايىشنىمۇ باھارغا ئوخشىتىپ، «تۈرك باھارى» دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىپ ئەردۇغاننىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، «تۈركىيە باھار پەسلىدە بولۇپ، ئۇنى قىش پەسلىگە ئۆزگەرتكۈسى كەلگەنلەر بار» لىقى مەلۇم. تەقسىمدىكى كىچىك بىر باغچىنىڭ ئورمانلىرىنى كېسىشكە قارشى قوزغالغان بۇ نامايىش تۈركىيەنىڭ يېرىمىغا قەدەر يېتىپ بارغانلىقى بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم باشقا مەقسەت بارلىقىدىن ئىشارەت بېرىدۇ.

چۈنكى، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى كىشىلەرگە ئورۇننى كېڭەيتىپ بېرىش ۋە ئۇ جايدىكى قىستىلاڭغۇلۇقلارغا خاتىمە بېرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكى شۇنچىلىك كۆپ تەشۋىق قىلىنىپ تۇرسىمۇ، بۇ كىچىك بىر مەسىلىنىڭ سىياسىي توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ قالغانلىقى گۇمان پەيدا قىلماقتا. دەل بۇ ۋاقىت تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىيىلەرنىڭ ئەردۇغان پارتىيىسىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقىنى تىرىلدۈرمەكچى بولغان سىياسىي كۈچ دەپ كېلىۋاتقان بىر ۋاقىت بولۇپ، ئەردۇغان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغۇچىلار خەلقنى قوزغاش ئۈچۈن باھانە تاپالماي تۇرغان بىر مەزگىل ئىدى. شۇڭا باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ پارتىيىسىدىكىلەر نامايىشچىلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى پارتىيىلەرنىڭ ئويۇنىغا كەلگەنلەر دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئەمما، نەق مەيداندا ھازىر بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپ سانلىقى سىياسىي ئەربابلار ئەمەس، بەلكى ئاۋام خەلق ئىكەن. بۇ ئەھۋالدا، ئادەمنىڭ بۇنچە كۆپ خەلقنىڭ بىرەر سىياسىي پارتىيىنىڭ غەرىزى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا، باشقا نېمە دەردى باردۇ؟ دېگۈسى كېلىدۇ. چۈنكى، باغچىدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ ئۇ جاينى تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە كېڭەيتىپ خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش جىنايەت ئەمەس. خەلق ئادەتتە مۇنداق كىچىك ئىشلار ئۈچۈن نامايىش قىلىپ مەيدانلارغا توپلانمايدۇ. خەلق پەقەت زۇلۇمغا ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى نامايىش قىلىدۇ. مانا بۇ، پۈتۈن دۇنيادا بولۇپ كېلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسى. ئەمما بىرەر باغچە مەسىلىسى ئۈچۈن خەلقنىڭ بۇنچىلىك غەزەپلىنىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش قىيىن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا يەنە يازغۇچى ئەھمەد ئىبنى راشىد ئەل سەئىد دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ پارتىيىسىگە قارشى چىققۇچىلار باش مىنىستىرنى دىكتاتور دەپ ئەيىبلەشتى. ھالبۇكى، تۈركىيەدەك ئەركىن سايلام بىلەن سايلىنىپ چىققان بىر باش مىنىستىرنىڭ ياكى رەئىس جۇمھۇرنىڭ دىكتاتورىلىق قىلىش خاھىشى بولمايدۇ، بولغاندىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەرنى دىكتاتورىلىق دۆلەتلەرگە قەتئىي ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. ئەردوغان 2002 يىلى ھاكىمىيەتكە چىققاندا ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ چەت دۆلەتلەرگە تۆلەيدىغان قەرزى26 مىليارد دوللارغا يەتكەن ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىن بىرى بۇ ئادەم تۈركىيە ئۈچۈن ئىشلەپ تۈركىيەنىڭ پۈتۈن قەرزلىرىنى ئۈزۈپ بولدى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن 17- قاتارغا تىزالىدى. تۈركىيەدە ھەربىر شەخسنىڭ يىللىق كىرىمى 2002-يىلىدا 2700 دوللار ئىدى. بۇ كىرىم 2013-يىلى كىرىشى بىلەن 12 مىڭ دوللارغا چىقتى. تۈركىيەنىڭ زاپاس پۇلى 135 مىلياردقا يەتتى، تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار 2002-يىلى 70 بولسا، ھازىر 170 كە يەتتى. خۇددى ئەردۇغاننىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا: «ھازىر تۈركىيە دۇنيادىن سۆز قىلمايدۇ، بەلكى دۇنيادا تۈركىيە ھەققىدە سۆز قىلىنماقتا» ئۇنداقتا، تۈرك خەلقى نېمە ئۈچۈن بۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلىدۇ؟ بۇنچىلىك كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان، تۈركىيەنى دۇنياغا تونۇتقان بۇنداق بىر باش مىنىستىرغا نېمە ئۈچۈن قارشى چىقىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ، كۆپ كىشىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىشى ۋە شەرىئەت دۆلىتىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن، قارشى پارتىيىلەرنىڭ ئىغۋاگەرلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ئۆتكەن ھەپتىدە تۈركىيە پارلامېنتى ھاراقنىڭ ئېلانلىرىنى چەكلەش ۋە مەسچىتكە 100 مېتىر يېقىن جايدا ھاراق سېتىشنى چەكلەش توغرۇلۇق قانۇن تەكلىپىنى سۇنغان بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن تەكلىپىنى تۈركىيە رەئىسى ئابدۇللا گۈل ماقۇللىسا، قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مەزكۇر قانۇننى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى 6-مۇراتنىڭ ھاراق-شارابنى مەنئى قىلىش توغرۇلۇق چىقارغان قانۇنىغا ئوخشىتىپ، ئەردوغاننى يېڭى ئوسمان ئىمپېراتورى دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەردوغانغا مۇندىن باشقا تۆھمەتلەرمۇ بۈگۈنكى كۈنلەردە كۆپىيىپ كەتكەن. ھەممە خالىغىنىنى دەپ كەلمەكتە. بەلكى ئەردۇغان ئويلاپ قالىدىغاندۇ، بۇنچىلىك دۈشمەنلىك، بۇنچىلىك يامان كۆرۈش ۋە بۇنچىلىك قارشىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن قىلغان بۇ ئۆچمەس خىزمەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىمىدۇ؟ ياكى جازاسىمىدۇ؟

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت