تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-04-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھەپتىلىك يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 24-ئاپرېل، ئەنقەرە.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھەپتىلىك يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 24-ئاپرېل، ئەنقەرە.
AP

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۆپ پارتىيەلىك پارلامېنت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا مەملىكەت بويىچە راي سىناش نەتىجىسىدە دۆلەت سىستېمىسىنىڭ پرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆتۈشى قارار قىلىنغان ئىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بىنائەن ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، 2019-يىلى 11-ئايدا پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى بىلەن پرېزىدېنت سايلىمى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۆتكەن ھەپتە «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلىپ بېرىش قارارىنى ماقۇللاشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ۋەزىيىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇق ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئوخشاش نۇرغۇن جەھەتلەردە مۇھىم قارارلارنى ماقۇللىشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سايلام مەسىلىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىدىن قالدۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. بۇ سەۋەبتىن مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدۇق.»

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، مۇنداق دېدى: «دۆلەت باغچەلىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلدۇق. سايلامنى 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق.»

تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئېلىپ بېرىلسا ئۇيغۇر دەۋاسىغا، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ سايلامدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالايدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە كۆزقاراشلىرىنى بىلىش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەھىم ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى كۆپ ساندا مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، سايلامدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 70 پىرسەنتىنىڭ ئالمىشىدىغانلىقىنى، يېڭى سايلانغانلارغا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلاتقۇچە كۆپ ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سايلامدا ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر ئۈچۈن بىر ئاۋازمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. سايلام جەريانىدا خەلق ۋە ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز تەلەپلىرىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈپ ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سايلامنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھۆكۈمەتكە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش ھەققىدە تەلەپ قويۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ھازىر تۈركىيەدە تەخمىنەن 10 مىڭ ئەتراپىدا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى تېخى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم تۈركىيەنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشتەك دۆلەت پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقى مەلۇم. ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھۆكۈمەتتىن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ئوخشاش ھەقسىز داۋالىنىش ھەققىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەھىم ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىم تۈركىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا قوبۇل قىلىنىش مەسىلىسىنى ھۆكۈمەتتىن تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندىمۇ ئەگەر بۇ قېتىمقى سايلامدىن ئۇيغۇرلار ياخشى پايدىلانسا، ئۇلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنىڭ ھەل بولۇش ئېھتېمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدە 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدىغان بولۇپ، كىملەرنىڭ نامزات بولىدىغانلىقى تېخى رەسمىي ئېلان قىلىنمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت