تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى: «خىتاي 200 زاۋۇت قۇرماقچى ئىدى، تېخى بىرسىمۇ يوق»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فەتھى گۈرەر ئەپەندى سۆزدە.
تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فەتھى گۈرەر ئەپەندى سۆزدە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فەتھى گۈرەر ئەپەندى 17-يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، «خىتاي بۇنىڭدىن 7 يىل بۇرۇن نىغدە ۋىلايىتىمىزدە 200 زاۋۇت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، 7 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ تېخى بىرمۇ زاۋۇت قۇرۇلغىنى يوق، بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنىڭ جاۋاب بېرىشىنى سورايمەن» دېگەن.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چون گېزىتلەردىن «ھۈرىيەت گېزىتى» دە 17-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، پارلامېنت ئەزاسى فەتھى گۈرەر ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدىكى سوئالىغا تۈركىيە بىلىم، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى فارۇق ئۆزلۈ ئەپەندى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «2012-يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن سانائەت جەھەتتىن شېرىكلىك ئورنىتىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. 7 خىتاي شىركىتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە بىر خىتاي شىركىتى نىغدەدە شىركەت قۇردى. نىغدەدە خىتاي شىركەتلىرى زاۋۇت قۇرسۇن دەپ يەر تەييارلاپ قويدۇق، تۈركىيە-خىتاي كارىخانىچىلار جەمئىيىتى بىلەن بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىمىز داۋاملاشماقتا».

پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فەتھى گۈرەر ئەپەندى، فارۇق ئۆزلۈ مىنىستىرنىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «خىتاي رەھبەرلىرى 2011-يىلىدا تۈركىيەگە كەلگەندە، 5 يىلدا 200 زاۋۇت قۇرىمىز دېگەن ئىدى، 2018-يىلىغا كەلدۇق، بىرمۇ زاۋۇت قۇرمىدى. ئۇ ۋاقىتتا گېزىتلەرنىڭ 1-بېتىدە ‹ئىتاي 200 زاۋۇت قۇرماقچى› دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئەمما ھازىرغىچە ھېچنېمە يوق.»

تۈركىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، تۈركىيەنىڭ مەبلەغ ۋە تېخنولوگىيەگە ئېھتىياجى بار. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ بۇ ئەڭ مۇھىم ئورۇننى تۇتماقتا. ھەر يىلى كۆپ ساندا خىتاي رەھبەرلىرى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيەگە مەبلەغ سالىدىغانلىقى، ھەتتا زاۋۇت قۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ كەتمەكتە. ئۇنداقتا خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان نىغدە ۋىلايىتىدە 200 زاۋۇت قۇرىمىز دەپ بىرنىمۇ قۇرماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ 5-6 يىل ئىچىدە 200 زاۋۇت قۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇنداق ۋەدە بېرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ خىل ۋەدىلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟
ئەنقەرەدىكى گازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى خىتاينىڭ 200 زاۋۇت قۇرۇش ۋەدىسىنىڭ ئىككى سەۋەب تۈپەيلى بېرىلگەن ۋەدە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تىجارەت مۇناسىۋىتىدە ۋەدىسىدە تۇرماسلىقنى ئۆزئارا ئىشەنچىنىڭ كەمچىل بولۇشى دەپ قارايمىز. بۇ تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەب تۈپەيلىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچىسى، خىتاي ۋەدە بەرگەن ۋاقتىدا ئەتراپلىق ئويلانمايلا بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى بولسا، خىتاي تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە باشقا بىر ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدە بولۇشىمۇ مۇمكىن».

تۈركىيەدىكى چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ 70% ياۋوپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىن كىرگەن. تۈركىيە تىجارىتىنىڭ 60% يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى خىتاي تېخنولوگىيەسىنىڭ ئەرزانلىقى، خىتاي ئىشلەپ چىقارغان ماللارنىڭ ئەرزانلىقى تۈپەيلى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇنداق ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئەھۋال كۆپەيسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ئەھۋال كۆپەيسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەب خىتايدىن مەبلەغ تارتىش. خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىش، ئەگەر بۇ خىل قۇرۇق ۋەدىلەر كۆپەيسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن».

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئەپەندى 2011-يىلىدا خىتاي 200 زاۋۇت قۇرىدىغان بولدى دەپ خەۋەرلەرنىڭ چىققانلىقىنى، ھازىرغىچە بىرمۇ زاۋۇت قۇرۇلمىغان بولسا تۈركلەرنىڭ خىتايلارغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى خىتاي تەرەپنىڭ بۇنداق ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىنىڭ تۈركلەرنىڭ خىتايلارنى شۇنداقلا خىتاينى چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە 17 يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزىتىشنى كۈتمەكتە. ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بولسا قۇرۇق ۋەدىلەر بىلەن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا تىرىشماقتا. ئۇنداقتا تۈركىيە كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ خىتايدىن كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىمۇ قەغەز ئۈستىدە بىر خىل، ئەمەلىيەتتە باشقا بىر خىل ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەگە قەغەز ئۈستىدىدىكى ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ پىسىخولوگىيەلىك بىر ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 2016-يىلى 26 مىليارد دوللار بولغان بولۇپ، تۈركىيە خىتايغا ئىككى يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ساتقان، تۈركىيە بولسا خىتايدىن 24 يېرىم مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان. سودىدىكى بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقمۇ تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلار، بولۇپمۇ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئەمما، تۈركىيە-خىتاي ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا ئىككى دۆلەت سودا مىقدارىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغانلىق ۋەدىلىرى بېرىلمەكتە. تۈركىيە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى كۈتۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، خىتاي تۈركىيەگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان 20 دۆلەت ئىچىدە يوق ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت