تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۈچ تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كۆپ ساندا كىشى قازا تاپتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-08-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 17-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
ۋاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 17-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

17-ئاۋغۇست كۈنى ۋاندا، 18-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن ئەلازىغ ۋىلايىتىدە، چۈشتە بىتلىس ۋىلايىتىنىڭ ھىزان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جەمئىي 10 ئەتراپىدا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىدار بولغان.

تۈركىيەنىڭ شەرق رايونىدىكى ۋان شەھىرىدە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ساقچى مەركىزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئاپتوموبىلغا بومبا قاچىلاپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 1 ساقچى شېھىت بولدى، ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ساقچى ئىدارىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر ھۇجۇمدا 20 نەپىرى ساقچى جەمئىي 73 ئادەم يارىلاندى. جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان يارىدارلاردىن ئۈچىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەدىن كېيىنلا ۋان شەھىرى بويىچە قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ئىسپاتلانغان تېررورچى ئېغىر يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەن.

يۇقىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمدىن كېيىن 18-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا ئەلازىغ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل پارتلىدى. بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەتىگەندە ساقچىلار ئىشقا كېلىۋاتقان ۋاقتىدا پارتلىتىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 ساقچى شېھىت بولغان، 146 كىشى يارىدار بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 14 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

ئەلازىغ ۋىلايىتىدىكى بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن 4 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى بىتلىس ۋىلايىتىنىڭ ھىزان ناھىيەسىدە تېررورچىلار كۆمگەن بومبىنىڭ پارتلىشى بىلەن 4 ھەربىي شېھىت بولدى.

ئەلازىغ ۋىلايىتى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇم بولۇپ باقمىغان رايون بولۇپ، تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر ھۇجۇمنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانلارنى ئويغا سالماقتا. 24 سائەت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن 3 چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىشى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق نەپرىتىنى قوزغىماقتا.

تېررورلۇق ھۇجۇمدىن كېيىن تۈركىيە مىللىي مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقلار مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: « پ ك ك نىڭ 15-ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىۋاتقان خائىنلىق ھۇجۇم شەكلى پ ك ك تېررور تەشكىلاتىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى ئاشكارىلاپ بەردى. بۇ ھۇجۇم ۋەقەسى پ ك ك تېررور تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرقانداق زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. »

تۈركىيەدە بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئارقا-ئارقىدىن بۇنداق تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بەزى مۇتەخەسسىسلەر دېگەندەك تۈركىيە سۈرىيەدەك بولۇپ كېتەرمۇ؟ بۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تۈكىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە دوكتور ئالىمجان ئەپەندىلەر بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيە ج خ ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پ ك ك تېررور تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم 1984-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ھۇجۇم ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىغىچە بولغان 31 يىل جەريانىدا 83 مىڭ 500 قېتىم ھۇجۇم ئېلىپ بارغان. پ ك ك تېررور تەشكىلاتى ئۆتكەن 31 يىل جەريانىدا جەمئىي 7000 ئەتراپىدا پۇقرانى ئۆلتۈرگەن. 14 مىڭ ئەتراپىدا پۇقرا يارىدار بولغان. بۇ 31 يىل جەريانىدا تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 22 مىڭ 374 تېررورچىنى ئۆلتۈرگەن.

تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت