خىتاي تۈركىيەنى ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ تۈركىيەنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرغانلىقى توغرىسىدىكى ماقالە. (yeniakit.com.tr توربېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
خىتاينىڭ تۈركىيەنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرغانلىقى توغرىسىدىكى ماقالە. (yeniakit.com.tr توربېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
Photo: RFA

2011-يىلى باشلانغان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى بولۇشنى داۋاملاشماقتا. خىتاي دۆلىتىنىڭ سۈرىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى شى شياۋيەن، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ قەدىمىنى تېزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

شى شياۋيەن ئەنقەرەدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 24-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر يىغىندا، تۈركىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئىرانغىمۇ بارغانلىقىنى بايان قىلغان شى شياۋيەن، ئەنقەرەدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى بىلەن بىر يۈرۈش ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ ئۇچرىشىشلاردا سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

turkcnn.com تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتىن ھەم پىكىر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ سۈرىيە سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ياقلايدىغانلىقىنى، سۈرىيە خەلقىنىڭ مۇزاكىرە يولى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيەدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ ئۆز ‏- ئارا توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ ھەقتە قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە مەسئۇل ۋەكىلى شى، ئۆزىنىڭ ئەنقەرەگە ئۈچىنچى قېتىم كېلىشى ئىكەنلىكىنى، جەنۋەدە ۋە باشقا جايلاردا تۈرك رەھبەرلەر بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەرنى يۈز تۇرانە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىلا ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ۋە بۇ گۇرۇپپىلارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېلىشتۈرگۈچىلىك رولى ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە مەسئۇل ۋەكىلى شى شياۋيەن تېررورغا قارشى كۈرەشتە ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتى ئېلىپ بارماسلىق كېرەكلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررور تىزىملىكىدىكى تېررور تەشكىلاتلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى، تېررورنىڭ خەلقئارانىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن تارتىپ دىكتاتور ئەسات ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كەلگەن بىر دۆلەت، تۈركىيە بولسا ئەسات ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇھلارنى قوللاپ كەلگەن بىر دۆلەت. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلىپ، سۈرىيەگە مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدەك دۆلەتلەرگە ھەمكارلىشىش تەكلىپى سۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

6 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا يۈز مىڭلىغان كىشى ئۆلتۈرۈلدى. مىليونلىغان كىشى باشقا دۆلەتلەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى. سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قوشنا دۆلەتلىرى ۋە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرمۇ ئارىلاشماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن تۈرك رەھبەرلىرى ئۇچراشقاندا داۋاملىق ھالدا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىشنىمۇ تەكىتلەپ كەلمەكتە. شى شياۋيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىمۇ بۇنى تەكىتلىگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق تەكىتلىشىنىڭ، يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭمۇ تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىسەن ياكى سولاپ جازالاپ بېرىسەن دەپ تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەنقەرەدىكى گازى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئىچىگە ھەممە نەرسىنى كىرگۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تېررور مەسىلىسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن زىيان تارتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تېررورغا قارشى كۈرەشنىڭ ئىچىگە ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى نەرسىلەرنى كىرگۈزۈشكە تىرىشىشى، خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش سىياسىتىگە پايدىلىق بىر نەرسە ئەمەس. مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئالدۇرۇشى شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تۈركىيەدىن بۇنداق بىر تەلىپى بارمۇ بىلمەيمەن. ئەمما بۇنداق بىر تەلەپ كېلىپ قالسا، تۈركىيە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن بىر جاۋاب بېرىش كېرەك. شۇڭا خىتاي، ئەگەر يېڭى يىپەك يولى بۇيىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىمەن دەيدىكەن، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك.»

تۈركىيەدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ھازىرغىچە مەسئۇلىيەت ئالماي، ئۇرۇش ئاخىرلىشاي دېگەندە پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت