ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈلەيمان بۈيۈكبەربەر ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسىي مەسىلىلەر ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆزلىدى. 2013-يىلى دېكابىر، ئەنقەرە.
غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈلەيمان بۈيۈكبەربەر ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسىي مەسىلىلەر ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆزلىدى. 2013-يىلى دېكابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسىي مەسىلىلەر ۋە ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور مەھمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈلەيمان بۈيۈكبەربەر ئەپەندى، مەكتەپ ۋە ھەرقايسى فاكۇلتېتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ قاتناشتى.

غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىمار كەمالەتتىن يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور سۈلەيمان بۈيۈكبەربەر ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىپ ئەۋەتكەن ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى.

پروفېسسور دوكتور سۈلەيمان بەربەروغلۇ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان كۈندىن بېرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
غازى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بۇ ئەنئەنىۋىلەشتى، بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز. بىز بۇندىن كېيىنمۇ ئىلمىي ھالدا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە داۋام قىلىمىز. ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى بىرىنچى يىغىنىمىزنى ئاچقان ئىدۇق. بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇنىۋېرسىتېتىمىز ھەر يىلى بىر چوڭ يىغىن چاقىرىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر جەھەتتىن بىلىش ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇنى ئۆگىنىش، ھەل قىلىش يوللىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش بىزنىڭ ھەققىمىز. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەسىلىلەر پۈتۈنلەي ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ئارقىدىن رابىيە خانىمنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىپ ئەۋەتكەن ئېچىلىش نۇتقى يىغىن ئەھلىگە قويۇپ بېرىلدى. رابىيە خانىم ئالدى بىلەن ئۇلارغا سالام يوللىدى. رابىيە خانىم نۇتقىدا پۈتۈن تۈركلەرنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت