قەيسىرى ئۇيغۇر پۇتبول ئەزىمەتلىرىنى كۈتمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014-03-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﺍ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﺍ.
http://fcuyghurstan.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

2011-يىلى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىسى ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئاجايىپ ھاياجانغا سالغان ئىدى.

بۇ يىل باھار يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ياشلار پۇتبول كوماندىلىرى تەرتىپلىك مۇنتىزىم مەشىقنى باشلىۋەتتى، توغرا، ئۇلار يەنە بىر نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە. تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ساھىپخانلىقىنى مەمنۇنىيەت بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر ئەپەندى گېرمانىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش ئۇيغۇر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 14-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى قارار قىلىنغانلىقىنى، نۆۋەتتە دەسلەپكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قار قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىقىنى، كوماندىلارنىڭ بولسا خېلى بۇرۇنلا مەشىقنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېرجىنىيا شتاتى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپرەك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىر قەدەر مەركەزلەشكەن شتات بولغاچقا، بۇ شتاتقا يەرلەشكەن شۇنداقلا ئوقۇشقا كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانىمۇ بىر قەدەر كۆپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمۇ ئىنتايىن جانلىق ئېلىپ بېرىلماقتا، پۇتبول ھەرىكىتى بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش سەۋەبى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىر پۇرسىتى، يېقىنقى كۈنلەردىن باشلاپ، ۋېرجىنىيا شتاتىدىكى ئۇيغۇر ياشلار پۇتبول كوماندا ئەزالىرى ھەپتىدە ئىككى كۈنلۈك مۇنتىزىم مەشىقنى باشلىغان، مەزكۇر كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى فەرۇخ، كوماندا تەشكىلى ھەيئىتى شىرئەلىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھەر قايسى ئەللەردىكى دوستلىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى ۋە ئەھمىيەتلىرى، پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەمدە ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى قوللاشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (1)
Share

uyghur

دىن sherqiy Turkistan

ئىشەك ئۇلەۋاتقسان بىرنىمىسى غىچەك تارتىپتۇدېگەندەك، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل پاجىئەلەرگە دۈچ كېلىۋاتقان بۇ سيىتەكنىڭ قىلغانلىرى نېمىسى؟ بۇنىڭدىن بۇ مىللەتكە خەير كەلمەس

Mar 19, 2014 05:07 AM

تولۇق بەت