ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: «خىتايغا بولغان نارازىلىق ئۇيغۇرلارنى سۈرىيە ئۇرۇشىغا باشلاپ كىردى» (2)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا قوللاۋاتقان سۈرىيە دېموكراتىك قوراللىق كۈچلىرى جەڭچىسى. 2017-يىلى 8-فېۋرال، رەققە شەھىرى ئەتراپى.
ئامېرىكا قوللاۋاتقان سۈرىيە دېموكراتىك قوراللىق كۈچلىرى جەڭچىسى. 2017-يىلى 8-فېۋرال، رەققە شەھىرى ئەتراپى.
AFP

بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتايغا بولغان نارازىلىق ئۇيغۇرلارنى سۈرىيە ئۇرۇشىغا باشلاپ كىردى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسىنىڭ دەسلەپكى بۆ لىكىنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. سۈرىيەدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش نەتىجىسىدە يېزىلغان بۇ خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گېررىي شېخنىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلار يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قانداق بولۇپ نەچچە مىڭ كىلومېتېر ئۇزاقلىقتىكى سۈرىيەگە بېرىپ قالغانلىقىدەك جەريانلارنى بايان قىلغان. ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز يۇرتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىدىن ياشاشقا ئامالى قالمىغانلىقتىن يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ، چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىغا قاتناشقانلىق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان ئەلىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق بايان قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەلىنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ قېلىش سەۋەبى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىمىز تۈركىيەدە سۆزلەشكەن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش. يەنى ئۇلارمۇ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە مۇستەقىل بىر ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى بىلەن قاتناشقان ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكىدەك جىھادنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ئىسلامدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئىچىدە بۇ قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلار بىلەن تونۇشمىغان ئىكەن. ئەمما ئۇلار خىتاي چېگرىسىدىن ئايرىلىشىغا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. بۇ ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنى بويلاپ قېچىپ يۈرگەندە، ئۇلارنى بىر گۇرۇپپا قوراللىقلار كۈتۈۋالغان. ئۇلارنىڭ قوسۇقىنى تويغۇزۇپ، تۇرىدىغان جاي بەرگەن ۋە ئەلۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ رادىكال ئىدىيەلىرىنىمۇ سىڭدۈرگەن. بۇ پاناھلانغۇچى ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندە بولسا ئىستانبۇلنىڭ ئاساسلىق كۆچمەنلەر ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارە يۈرۈپ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلار تەرىپىدىن ئورىۋېلىنغان».

مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋە سۈرىيە دائىرىلىرى 5000 نەپەر ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ سۈرىيەگە بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. ئەمما ئۇ يەردە تۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە بەزى سۈرىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىرى قايتىپ كېتىپ، بىر قانچە يۈز ئۇيغۇر ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قارمىقىدا ئۇرۇش قىلغان ئىكەن. مۇخبىر بۇ ھەقتە «سىتە» دەيدىغان ئىستىخبارات كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ باشلىقى رىتا كەتزنى زىيارەت قىلغان. ئۇ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە: «بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي چېگرىلىرىدىن قېچىپ چىقىشىغا قوراللىق گۇرۇپپىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى كوزۇر قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، مەسىلەن، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ رادىئو پروگراممىلىرى ۋە زھۇرناللىرىنى قەرەللىك ھالدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىشقا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىمۇ ھەپتىدە بىر دېگۈدەك ۋىدىيو تارقىتىشقا باشلىدى» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى سۆزىدە، بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى يېتەرلىك بولماي قالغانلىقىنى، قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ مانا بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى مەزگىلدە تۈركىيەدىكى «ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» ناملىق تەشكىلات تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن تاماقلارنى يېگەنلىكىنى، بۇ تاماقلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا «تۈركىستانلىقلار» ئۈچۈن دەپ ماركىلانغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەشكىلاتى باياناتچىسى مۇستافا ئۆزبېك يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى ئىنكار قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ تاماقلارنى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ئەمەس، سۈرىيە چېگرىسىدىكى ئاۋام پۇقرا ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ ۋە خاتاي قاتارلىق ئۆلكىلىرى ئارقىلىق بەشەر ئەسەدنىڭ ئەڭ مۇھىم قورغانلىرىدىن بولغان لاتاكىيە رايونى چېگرىسىدىكى جىسر ئەل شۇغۇرغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەلىگە ئوخشاش ئائىلىسى بىلەن كەلگەنلەر ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان مەھەللىلەردىكى بىر قەۋەتلىك كېسەك ئۆيلەردە تۇرغان. ئۇ يەردە 150 تەك ئائىلە بار ئىكەن. تېخى ئۆيلەنمىگەن ئەرلەر ھەممىسى بىرلىكتە يوغان بىر بىنا ئۆيدە تۇرغان. ئەرلەر 3 ئاي مۇددەت بويىچە سوۋېت ئاپتوماتلارنى، مۈرىگە قويۇپ بومبا ئاتىدىغان بومبا ئاتقۇچلارنى ئىشلىتىشنى، بەدەن مەشىقى ۋە خەرىتە سىزىشنى ئۆگەنگەن. كۆپىنچىسى يېتىم بولغان 12-13 ياشلاردىكى ئوغۇل بالىلار بولسا، ھەممىسى باشقا بىر لاگېرغا دىن دەرسى ۋە بەدەن مەشىقى تەربىيەس كۆرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىكەن.

ئەنگلىيەدىكى «ئوتتۇرا شەرق مۇنبىرى» نىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋاد ئال تامىمى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جىھادچىلارنى ناھايىتى كەڭ دائىرىدە زىيارەت قىلغان كىشى بولۇپ، ئۇ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رايونلىرىنى ناھايىتى يۇمشاق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش بىلەن تونۇلىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئەل-قائىدىگە باغلىق «ھايات تاھرىر ئەل-شام» قاتارلىق باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ئەكسىچە شەرىيەت سىستېمىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىر خەۋىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «ياشقا چوڭراق ئۇيغۇرلار كەچتە ياشلار بىلەن بىر ئارىغا جەم بولۇپ، سىياسەت ۋە تارىخ ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىدىكەن. مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇپ چىقىلىش تارىخى يەنى زىيونىزىمنى ئۆگىنىدىكەن. ئەلى ماڭا، ‹بىز يەھۇدىيلارنىڭ قانداق قىلىپ دۆلەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئۆگەندۇق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇرۇش قىپتۇ، بەزىلىرى پۇل بىلەن تەمىنلەپتۇ. ئەمما بىزنىڭ ئۇنداق قىلغۇدەك كۈچلۈك ئاساسىمىز يوق› دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرەبچە سۆزلىيەلەيدىغانلاردىن پەقەت بىرقانچىسىلا بار ئىكەن، يەرلىكلەر بىلەنمۇ ئارىلاشمايدىكەن. شۇڭا بەزى ئەرەبلەر بۇلارغا چاقچاق قىلىپ، بۇ جاينىڭ ئىسمىنى ‹شەرقىي تۈركىستان› دېگەنگە يېقىنراق قىلىپ ‹شۇغۇرىستان› دەپ ئۆزگەرتىۋېتەيلى، دەيدىكەن. بىراق ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى چىقىدىكەن. ئەلى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئەرەبلەرگە ‹بۇ بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ئەمەس. بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنى كېرەك، سىلەرنىڭكى بىزگە كېرەك ئەمەس› دەپ جاۋاب بېرىدىكەن».

ئامېرىكىدىكى «بېيجىڭ باھارى» زھۇرنىلى تەھرىرى خۇپىڭ ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق كۈچلۈك مۇستەقىللىق ئېڭىغا ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەبنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بولۇشى ۋە ھېچقاچان ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايلاردىن ئىنتايىن پەرقلىق. نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنى، خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. خىتايلارمۇ ئۇ يەرنى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ زېمىننىڭ ئەسلىدىلا خىتايغا تەۋە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرمامدۇ؟. مانا مۇشۇنداق ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى مىللىي ۋە تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر-خىتاي مىللىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ياخشى بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك دەيدىغان بىر ئورتاق قىممەت قارىشىمۇ يوق. ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەدەپ چوڭ خىتايچىلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداق ئىكەن، ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ-دە» 

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدىمۇ روزى مەمەت ئىسىملىك بىرىنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. مۇخبىر گېررىي شېخ مۇنداق دەپ بايان قىلغان: 

«ئەلىگە ئوخشاش، روزى مەمەتمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارشى خەلقىگە ياردەم قىلىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇنىڭ بوۋىسى باي دېھقان بولۇپ، ئۇ 1960-يىلىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. ئۇ خوتەندىن 3 يىل ئاۋال ئايرىلىپ، ئاخىرى سۈرىيەگە 52 نەپەر كىشى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن ئىكەن. ئۇ 6 ئاي ئىچىدە ئەسەد ھۆكۈمەت كۈچلىرىگە قارشى ئالدىنقى سەپتە مۈرىسىگە قويۇپ ئاتىدىغان گرانات ئاتقۇچ بىلەن جەڭ قىلغان. جىھادچىلار يېتەكچلىرى ئۇيغۇرلارنى جىھاد قىلىپ، ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا چاقىرىدىكەن. ئەمما روزى مەمەت ھەر قېتىم ئۇرۇشقا كىرگىنىدە كۆڭلىدە ئەگەر ئوق يەپ ئۆلسەم، ئىسلام ئۈچۈن ئۆلمەيمەن ياكى ۋەدە قىلىنغان جەننەتتىكى ھۆر-پەرىلەر ئۈچۈن ئۆلمەيمەن دەپ ئويلايدىكەن. ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەتلا ئانا يۇرتى بار ئىكەن. ئۇ بىزگە: ‹مەن پەقەت قورقمىدىم. ئەگەر مەن قورقسام بىز قانداقمۇ دۆلەت قۇرالايمىز؟› دېدى. ئىلگىرى شىمالىي سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، 2015-2016 يىللىرى ئارىسىدا ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىققاندا ئەل-قائىدەنىڭ نۇسرا فرونتىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئۇرۇش قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن» 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئاڭلىتىشىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلار ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

تولۇق بەت