ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013-08-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلماقتا
ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىق ۋاراقلىرى تارقىتىلماقتا
RFA/Qutluq


ياپونىيىدە ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى خاتىرىلەش ۋە بۇددا دىنىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى - روھلارنىڭ ئائىلىسىگە قايتىش بايرىمىنى قۇتلۇقلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ خىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە كۆپلىگەن ياپونلار توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئەجداتلىرىنىڭ روھىغا شام يېقىش،ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە باش ئۇرۇشتەك دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقى ھەر يىلى 15 - ئاۋغۇستتا ئادەم قاينىمىغا ئايلىنىدۇ. كۆپلىگەن ياپون مىللەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئۇرۇش دەۋرىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياپون قەھرىمانلىرىنىڭ قەبرىگاھىغا تاۋاپ قىلىدۇ.

ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقى ياپون مىللەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە ياپون قەھرىمانلىرىنىڭ روھىي ئەمىن تاپقان قەبرىستانلىق دەپ قارالسىمۇ، كورىيە ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ نەزىرىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپون ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقى دەپ قارىلىدۇ.

ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى ياپون ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ۋە قىلماسلىقى، ياپون - خىتاي، ياپون - كورىيە دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى تولىمۇ نازۇك مەسىلىلەردىن بىرى دەپ قارالغاچقا، ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بۇ قېتىم ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن.

ئابېنىڭ ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلماسلىقى ئەلۋەتتە ياپونىيە - كورىيە،خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتقانلىقى بولۇپ، كورىيە بىلەن خىتاينىڭ نەزىرىدە ياپون مىللەتچىللىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارالغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى باش ۋەزىر ئابېنىڭ ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلماسلىقتىن ئىبارەت بۇ خىل سىياسىي مەيدانى تىنچلىقپەرۋەر ياپونلارنى تولىمۇ شادلاندۇردى.

ياپونىيىدە ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىنى تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى كۈنىدە ياپونىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىشتىن ئىبارەت جانلىق پائالىيىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بىز ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىلقى ياسۇكۇنى بۇزۇرۇكۋالار قەبرىستانلىقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت