شىمالى كورىيە يادرو قوراللار سۆھبىتى ئۇزارتىلدى

2005-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 6 دۆلەت سۆھبىتى، جۈمە كۈنى 4 - كۈنىگە كىردى. شۇ كۈنى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفىر خىلل، شىمالىي كورىيە ۋەكىلى كىم كيى - گۋان بىلەن كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن خالى قىلىش مەسىلىسى بويىچە ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۆھبەت باشلانغاندىن بېرى شىمالىي كورىيە بىلەن 4 - قېتىم ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، سۆھبەتنىڭ ۋاقتى كېلەر ھەپتىگىچە ئۇزارتىلىشى مۇمكىن.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قارىغاندا كرىستوفىر خىلل، سۆھبەتنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە شۇنچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەر قايسى تەرەپلەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇچراشقاندا سۆھبەتنى شەنبە كۈنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا قارشى چىقمىغان. بىراق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شىمالىي كورىيە بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە كېلىشىم تۈزۈدىغانلىقىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

شىمالىي كورىيە سۆھبەت باشلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيە زىمىنىدىكى يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىش شەرتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئامېرىكا كورىيە يېرىم ئارىلىغا يادرو قوراللار ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى رەت قىلدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت