كامبۇدژا پادىشاھىنىڭ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا خىتايغا قارشى لوزۇنكا چىقىرىلدى

2004-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كامبۇدژانىڭ يېڭى پادىشاھى سىخامۇنى شەنبە كۈنى پىنۇمپىندا تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كامبۇدژانىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى خەلق ئاممىسى بىلەن كۆرۈشتى. پادىشاھ سىخامۇنى دادىسى سابىق پادىشاھ شاھزادە سىخانۇكنىڭ يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىخامۇنى مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا مەيداندىكى تىڭشىغۇچىلارنىڭ بىرى " رەزىل جوڭگو" دىگەن خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتىرىپ چىققان. بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، " جوڭگو سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق بولمىغان رەزىل دۆلەت" ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ساقچىلار بۇ كىشىنى نەق مەيداندىن ئېلىپ كەتكەن. پادىشاھ سىخامۇنىنىڭ نۇتقى دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىمىغان.

سابىق كامبۇدژا پادىشاھى سىخانۇكنىڭ خىتاي بىلەن زىچ ھەمكارلىقى بار ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1970 - يىللاردا كامبۇدژانى ئىدارە قىلغان قىزىل كېخمىر ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىش بىلەن مەشھۇر بولۇپ، قىزىل كىخمىرلار كامبۇدژادا 3 مىليون خەلقنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولۇش بىلەن ئەيىپلەنگەن. ھازىرقى كامبۇدژا ھۆكۈمىتى ب د ت بىلەن بىرگە قىزىل كېخمىر ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش يولىدىكى " ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسى" قۇرغان. كامبۇدژادىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر، خىتاي ئەينى يىللاردا قىزىل كېخمىر ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن كامبۇدژا خەلقىدىن ئەپۇ سورىشى، شۇنداقلا تۆلەم تۆلەپ بېرىشى كېرەك دەپ قارىغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى تەنقىدلەرنى قەتئى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت