ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى

2006-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا قوراللىق تالىبان كۈچلىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 100 گە يېقىن ئادەم قازا قىلدى.

رويېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ 18 ‏- ماي خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت ئافغانىستاننىڭ ھېلمان شەھىرىدىلا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 13 نەپەر ئافغانىستان ساقچسى ۋە تالىبانلاردىن 50 ى ئۆلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت پەيشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ قەندەھار ۋە غەزنى شەھەرلىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى شۇنىڭدەك چەتئەل ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ، 25 تالىباننىڭ ۋە بىر كانادالىق ئايال ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى ھۇجۇملىرى قاتتىق ئەۋج ئالماقتا.

كانادانىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ سانى 2300 بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىق ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان، نۆۋەتتە تالىبان قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى دەل مۇشۇ ئەتىراپلاردا ناھايىتى كۆپ يۈز بەرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت