جەنۇبىي ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى NATO قىسىملىرى ئۆتكۈزۈۋالدى

2006-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى 6 مۇھىم ئۆلكىنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى يەكشەنبە كۈنى بۇ يەردىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قولىدىن NATO قىسىملىرىئۆتكۈزۈۋالدى.

بۇ يىل 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئافغانىستاندىكى NATO قىسىملىرىنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپەيتىلىپ 18 مىڭغا يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. ئامېرىكا قىسىملىرى بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبى ئافغانىستاندىكى ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنى ھاۋا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاكىستان - ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تاغلىق رايونلارغا يوشۇرۇنۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقان ئۇساما بىن لادېن ۋە ئەل قەئىدە رەھبەرلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

دۈشەنبە كۈنى شەرقىي ئافغانىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ سىرتىدا ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبا پارتلاپ، ئاز دېگەندە 6 ئادەم ئۆلگەن، 16 ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە ئافغانىستاندا 2001 - يىلى تالىبان ھاكىمىيىتى ئىتتىپاقداش كۈچلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى، تالىبان كۈچلىرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچىيىشكە باشلىغان. دۈشەنبە كۈنى جالائاباد شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى بۇ ئۆلكىنىڭ ئۆلكە باشلىقىنى ئۆلتۈرۈشكە قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆلكە باشلىقى ساق قالدى. ئەينى چاغدا ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان بىر مۇجاھىدنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت