ئامېرىكا خىتاينى چېگرا بىجى بىلەن جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2007-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگىتوندىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇش ھۆكۈمىتى، خىتاي سودا مۇناسىۋىتى جەريانىدا كۆرۈلگەن قىزىل رەقەمگە تاقابىل تۇرۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. جۈمە كۈنى ئامېرىكا ھوكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ قەغەز ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتايغا قارىتا ئىقتىسادى جازا قوللىنىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

23 يىلدىن بىرى ئامېرىكا خىتايغا قارىتا خىتاي ئىگىلىكىنى بازا ئىگىلىكى ئەمەس دەپ مۇئامىلە قىلغان سودا سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى كارلوس گۇتررەز مۇنداق دەيدۇ، "خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلىپ، بىزنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىش جەھەتتە يەنە ياردەمچى ۋاسىتىلەرنى قوللانمىساق بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇگۈنكى خىتاي بىر نەچچە يىل ئىلگىرىكى خىتاي ئەمەس. خىتاي تەدرىجى تەرەققى قىلدى شۇڭا ئامېرىكا-خىتاي سودا ئالاقىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋاستىلىرىمىزدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى".

بۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوز شىركەتلىرىگە بېرىدىغان ھۆكۈمەت ياردىمىگە قارشى جازا قوللىنىش ئۈچۈن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پارقىراق قەغەزگە قويۇلىدىغان چېگرا باج نىسبىتىنى 10.9 پىرسەنتتىن 20.4 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت