ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە كېڭىشى رەئىسى ھۆكۈمەت پۇلىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى بىلەن ئەيىبلەندى

2006-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەردە مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل تەپتىش خادىمى بىر يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە كېڭىشى رەئىسى كېننېس توملىنسوننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغان.

ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەرگە قارىتا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىئو-تېلېۋىيە شىركەتلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ رەئىسى ئادەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.

كېننېس توملىنسون ئۈستىدىن چىقىرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئۇنىڭ 2 يېرىم يىلدىن بۇيان بىر دوستىغا 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام بەرگەنلىكى، شۇنداقلا يەنە، بىر ۋاقىتتا قىلىنغان ئىش ئۈچۈن ھەم ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە كېڭىشىدىن ھەم يەنە بىر شىركەتتىن پۇل ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كېننېس توملىنسوننىڭ ئادۋۇكاتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، بۇنى مەزكۇر ئىدارىدىكى پارتىيىلەر ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشتىن كۆرگەن. كېننېس توملىنسون جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزاسى. ئۇنى پرېزىدېنت جورج W بۇش تەيىنلىگەن. نۆۋەتتە دېموكراتچى 3 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، كېننېسنىڭ ئۈستىدىن سوراق ئېلىپ بېرىشنى ھەمدە ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلماقتا. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت