پاكىستان دائىرىلىرى: بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدە ئەل - قائىدىنىڭ قولى بار

2007-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستان دائىرىلىرى، ئالدىنقى كۈنى راۋالپىندىدا سۈيقەستكە ئۇچرىغان پاكىستان ئۆكتىچى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدە ئەل- قائىدىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچلۈك پاكىتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا قولىدىكى ئاخباراتلار سۈيقەستنىڭ كەينىدە "ئەل - قائىدە رەھبىرى" بەيتۇللا مەخسۇدنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە، دېدى. بەيتۇللا مەخسۇد، جەنۇبىي ۋەزىرىستان قەبىلىلەر رايونىنى بازا قىلغان تالىبانپەرەس مىلىتانلارنىڭ رەھبىرى ئىدى. بۇتتونىڭ جىنازا نامىزى جۈمە كۈنى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، يۇرتىدىكى ئائىلە قەبرىستانلىقىغا يەنى دادىسى زۇلپىقار ئەلى بۇتتونىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

لېكىن بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن پارتلىغان ئاممىۋى توپىلاڭلار تىنجىمىدى. توپىلاڭ پاكىستاندىكى جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەردە بولۇپمۇ بۇتتونىڭ يۇرتى سىند ئۆلكىسىدە بىر قەدەر كەڭ - كۆلەملىك بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 23 ئادەم ئۆلگەن ۋە پاكىستان ئارمىيىسى جەنۇبتىكى شەھەرلەردە قوشۇن كۆپەيتكەن. پرېزىدېنت مۇشەررەپ ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرىغا ھۆكۈمەت مال - مۈلكىنى تالان - تاراج قىلغۇچىلارغا ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. پېشاۋىردا مۇشەررەپنى قوللايدىغان بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ خىزمەت بىناسى تالان - تاراج قىلىندى.

مۇشەررەپ، ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرنى بۇتتوغا سۈيىقەست قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەقەدىن بۇرۇن بۇتتونى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بەنەزىر بۇتتو ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيە قانىلىغا بۇرۇن يازغان بىر خېتىدە "ئەگەر مەن سۈيقەستكە ئۇچرىسام بۇنىڭ جاۋابكارى مۇشەررەپ" دەپ تەكىتلىگەن. بۇتتونىڭ قوللىغۇچىلىرى ھۆكۈمەتنى بۇتتونىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا يېتەرلىك تەدبىر ئالمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت