بۇش ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى سىياسىتىنى ئاقلىدى

2006-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پەيشەنبە كۈنى، ئىراق ئۇرۇشىغا تۇتقان مەيدانىنى ئاقلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش، يۇتا شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، "پېنسىيىگە چىققان ئەسكەرلەرنى ئۇزۇتۇش يىغىنى" دا ئىراق ئۇرۇشى " ھەققىدە سۆز قىلىپ ": ئەگەر ئامېرىكا ئۆز ۋاقتىدا ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقمىغان بولسا، ئامېرىكا ھازىرقىدىنمۇ ئېغىر خېيىم - خەتەرگە يولۇقاتتى" دېگەن.

بۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم ئامېرىكىنىڭ ئىراق سىياسىتىنى ئاقلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بىراق مەلۇم بولىشىچە، بۇشنىڭ ئىراق سىياسىتى سەۋەبتىن، ئۇنى ھىمايە قىلىدىغانلار سانى ئالاھىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، خەلقنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ھازىر پرېزىدېنت بۇشنى قوللاش نىسبىتى 30 % كە چۈشۈپ قالغان.

ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە بۇش ئۆزىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىغا تۇتقان مەيدانىنى ئاقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان قىلغان نۇتۇقلىرىدىن، ئۇنىڭ ئۇرۇشتىن بىزار بولغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت