پاكىستان ‏- ئافغانىستان چېگرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

2006-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

5‏- ئاينىڭ 16‏-كۈنى ئافغانىستان-پاكىستان چېگرا رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، ئازدېگەندە 9 تالىبان تەرەپتارى مىلىتان ۋە بىر پاكىستان ئەسكىرى ئۆلگەن.

پاكىستان بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىلىتانلار شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى تاھىل رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان پاكىستان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسدا يۈزبەرگەن توقۇنۇشتا 9 مىلىتان ئۆلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشتا ئۆلگەن 9 مىلىتاننىڭ 3 ئى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن كەلگەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پاكىستان ھەربىي قىسىملىرى ئۈچ يىلىدىن بېرى، پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا ئەلقائىدە ۋە تالىبان قالدۇقلىرىغا قارشى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە يۈزلىگەن مىلىتان ۋە 600 پاكىستان ئەسكىرى ئۆلگەن.

بۇئارىدا پاكىستان دائىرىلىرى، سەيشەنبە كۈنى ئوساما بىن لادىننىڭ پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونغا يۈتكەلگەنلىكى ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە فىدرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ رايوندا ئەلقائىدە رەھبىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى سەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ چىترال شەھىرىنىڭ بىن لادىننى تۇتۇش پائالىيەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە فىدرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ بىن لادىننى تۇتۇش ئۈچۈن رايوندا جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

لېكىن، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافپاتخان شەرپاۋ ۋە چەترال ساقچى دائىرىلىرى بۇ خەۋەرلەرنى رەت قىلدى. پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بىن لادىننىڭ پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدا يوشۇرۇنغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. دۈشەنبە كۈنى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تاسنىم ئەسلەم بىن لادىن ئافغانىستاندا بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت