چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ": كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى"

2008-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 7‏ - مارت كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەسىلسىدە خەلقئارادىكى بېسىمغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەسىلسىدە ھېچقانداق ئىجابىي قارار ئالمىغانلىقىنى، بىلدۈردى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ۋېنسىن بروسەل، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا جامائەت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خىتايغا قاراتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك" دېگەن. ئۇ، خەلقئارادىكى خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەسىلسىدە دېگەندەك تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ ئەمما، دارفۇر مەسىلسىى قاتارلىق باشقا مەسىلىلەردە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 2008‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى، قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئىجابىي تەسىر قوزغايدىكەن.

2008‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، خەلقئارا جامائەت ۋە خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىگە تارتىش ئۈچۈن خىتاي ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋىنسون بورسەل، "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق پائالىيەتچىلەرنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دەپ، قولغا ئېلىۋاتىدۇ" دېدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت