ئەنگىلىيىنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدىكى دوكلاتى جۇڭگو دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈردى

2006-07-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى ليۇ جيەنچاۋ جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ " خوڭكوڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى" تەنقىد قىلىپ، ئەنگىلىيە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە "قارغۇلارچە باھا" بەرمەسلىكى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ، جۇڭگو 1997 - يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بېرى، خوڭكوڭدا سىياسى دېموكراتىيە ئالغا قاراپ مۇقىم قەدەم بىلەن ئىلگىرمەكتە، دەيدۇ. لېكىن ليۇ جيەنچاۋ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 2007 ۋە 2008 - يىللىرى خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. ئۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ تۈپ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خوڭكوڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا 2006 - يىلى 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە بولغان " خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ يېرىم يىللىق ئەھۋالى" توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇپ، خوڭكوڭ سىياسىي ئىسلاھاتىدا كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا، ئومۇمى سايلام تۈزۈمى قانچە تېز يولغا قويۇلسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تۈزۈم خوڭكوڭدا ھوقۇقنى، ئەركىنلىك ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى، دەيدۇ.

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم خوڭكوڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا دوكلات سۇنۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتىدىن مەمنۇن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت