ئاق ساراينى قالايمىقان قىلغان فالۇنگوڭ مۇرىتىنىڭ دىلوسى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلدى

2006-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاق سارايدىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىۋاتقاندا قالايمىقانچىلىق چىقارغان فالۇنگوڭ مۇرىتى ۋاڭ ۋېنيىنىڭ دىلوسى بىر يىلغىچە توختىتىپ قويۇلدى ۋە بىر يىلدىن كېيىن ئۇنى ئەيىبلەش بىكار قىلىنىشى مۇمكىن.

بۇ يىل 47 ياشتىكى ئەسلى كەسپى دوختۇر بولغان ۋاڭ ۋېنيى، پرېزىدېنت بۇش بۇ يىل 20 - ئاپرىل كۈنى خۇ جىنتاۋ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن ئاق سارايدىكى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىدا خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

ۋاڭ ۋېنيى شۇ چاغدا "ئۇنى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن توختىتىۋېلىڭلار"، "پرېزىدېنت بۇش ئۇنى فالۇنگوڭنى ئۆلتۈرۈشتىن توختىتىۋېلىڭلار" دەپ ۋاقىرىغان ئىدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن "چەتئەل رەھبىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىش، ئۇنى مەجبۇرلاش، قورقىتىش ياكى قالايمىقان قىلىش" بىلەن ئەيىبلەپ سوت مەھكىمىسىگە داۋا قىلغان.

ۋاڭ ۋېنيىنىڭ ئادۋوكاتى دەيۋېد بوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋېن ۋېنيى 2007 - يىلى 20 - ئاپرىلغىچە ھېچقانداق ۋەقە سادىر قىلمىسا، تەپتىش خادىمى ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان ئەرزنامىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ماقۇل بولغان. دەيۋېد بوس، بۇ ۋەقە ۋاڭنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك "دەيدۇ. بۇ دىلودا ئەگەر ۋاڭ ۋېنيى گۇناھ سادىر قىلدى، دەپ قارالغان بولسا، 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 5 مىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەيتتى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت