مۇسۇلمانلار ھەج ئىبادىتىنى باشلىدى

2006-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىغىلغان مىليونلىغان مۇسۇلمان، 9‏-يانۋار كۈنى ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى بولغان مەككە يېقىنىدىكى ئاراپات تېغىغا چىقتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيادىكى 178 دۆلەتتىن ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىغىلغان 2 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان مىليونلىغان سەئۇدى پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە لەببەيىك، ئاللاھۇممە لەببەيىك نىدالىرى ئارىسىدا مىنادىكى ئىبادىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، ئاراپات تېغىغا كېلىپ ئىبادىتىنى باشلىغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاراپاتقا يىغىلغان نەچچە مىليون مۇسۇلماننىڭ دۇئا ۋە يېغا- زارىلىرى ئارىسىدا ۋەز بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باش مۇپتىسى شەيخ ئابدۇلئەزىز ئەلشەيخ نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇن جەھەتلەردىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇسۇلمانلارنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىردى.

بۇ ئارىسىدا مەككىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەرەم-شەرىپنىڭ ئىچىدىكى ئاللانىڭ ئۆيى دەپ ئاتالغان كەبىنىڭ يوپۇقىنى ئالماشتۇردى. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ھەج ۋاقتىدا، كېسۋەي شەرپ دەپ ئاتالغان كەبىنىڭ ئۈستىگە يېپىلغان قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن بېزەلگەن قارا يوپۇقنى ئالماشتۇرىدۇ. 658 كۋادرات مېتىر كەڭلىكىدىكى كىسەۋي شەرىپنى توقۇپ چىقىش ئۈچۈن 670 كىلوگرام ئىپەك ئىشلىتىلىدۇ.

سەئۇدى ھۆكۈمىتى كەبىنىڭ كونا يوپۇقىنى كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغان مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھەدىيە قىلىدىكەن. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت