خۇ جىنتاۋ سەئۇدىي ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلدى

2006-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شەنبە كۈنى سەئۇدىي ئەرەبىستان پايتەختى رىيادقا كېلىپ بۇ يەردىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

خۇنىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىزدەش. خۇ جىنتاۋ سەئۇدىي ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغان بىرىنچى كۈنىلا ئىككى تەرەپ مۇداپىئە، بىخەتەرەلىك ۋە سودا ساھەلىرىدە بىر يۈرۈش كېلىشىملەرنى تۈزۈشتى. ئەمما بۇ كېلىشىملەردىكى مەزمۇنلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلمىغان.

خۇ جىنتاۋ سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن قولغا كەلتۈرگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھەمكارلىقلىرىدىكى نەتىجىلەردىن قانائەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھازىر خىتاي دۇنيادا ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىستىمال قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن خىتاي خەلقئارا بازاردا كۈچىنىڭ بېرىچە ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىزدەشكە تىرىشماقتا. سەئۇدىي ئەرەبىستان، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا خىتاي ئىمپورت قىلىدىغان نېفىتنىڭ 17% ئى سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كېلىدۇ. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت