ئامېرىكا باغداتتىكى قوشۇنىنى كۆپەيتمەكچى

2006-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتىكى مەزھەپلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئازايتىش ئۈچۈن باغداتقا 3700 ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

بۇ يىل 2‏-ئايدا باغداتتىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن پاتلاش سەۋەپلىك بۇ يەردىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى بىلەن سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بارغانسېرى كۈچىيىپ ماڭماقتا. شۇنداقلا يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى ھۇجۇملار تۈپەيلىدىن باغدات تېخىمۇ چوڭ قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچ كەلدى.

شەنبە كۈنى ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى 3 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدا قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت