ئاياد ئالاۋى ئىراق سايلىمىدىن كېيىن خەلقنى بىرلىشىشكە چاقىردى

2005-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىراق سايلىمى ئاخىرلىشىش بىلەنلا ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئىياد ئالاۋى ئىراق خەلقىنىڭ ئەمدى ئوخشىماسلىقلارنى بىر چەتكە قويۇپ، بىرلىشىشكە قاراپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاياد ئالاۋى سايلامدىن كېيىنكى تۇنجى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، " تېررورىستلار ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلدى" دىگەن.

ئىراقتىكى ئامېرىكا دېپلوماتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گەرچە ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى مۆلچەردىكىدىن ئازراق ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ئومۇميۈزلۈك ئېيتقاندا سۈننىي مۇسۇلمانلىرى سايلامغا،ئىراقتىكى كۇرتلار ۋە شىيە مۇسۇلمانلىرىغا قارىغاندا يەنىلا ناھايىتى ئاز قاتناشقان. ھەتتا سۈننىي مۇسۇلمانلىرى رايونىدىكى بەزى سايلام پونكىتلىرى تاقىۋېتىلگەن. ئامېرىكا دائىرىلىرى نۆۋەتتە بۇ ئەھۋالنىڭ، مەزكۈر رايوندا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇرىشىدىن ھەمدە سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

سايلام ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ئىراقتا، چوڭ ۋە كىچىك تىپتىكى ھۇجۇملاردىن بولۇپ جەمئىي 100 دىن ئوشۇق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھەتتا دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق بىر دانە تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 10 ئەنگلىيە ئەسكىرى قازا قىلغان. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت