ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش مۇمكىنچىلىكىنى رەت قىلدى

2006-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا جەمئىيەت تەرەپلەرنى لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشقا قىستاۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئەخۇد ئولمارت، ئىسرائىلىيىنىڭ ھىزبۇللا پارتىزانلىرىغا قارشى لىۋاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربى ھەرىكىتىنى توختىتىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، " ئۇرۇش بىر قانچە كۈن ئىچىدە توختىماسلىقى مۇمكىن" دېدى. لېكىن ئۇ، ئىسرائىلىيە ھاۋا بومباردىمانىدا ئۆلگەن پۇقرالار ئۈچۈن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان بومباردىمانى كۆپچىلىكى بالىلارنى ئاساس قىلغان 60 دەك ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقە خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ئوتتۇرا شەرقنى قايتا زىيارەت قىلىپ، ئېرۇسسالىمدا ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇرۇشنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە توختىشى كېرەكلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە توقۇنۇشنى ئومۇميۈزلىك ھەل قىلىش تەكلىپى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ لايىھىسىدىكى" مەزمۇنلارنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن " دەيدۇ.

ئامېرىكا لىۋان - ئىسرائىلىيە چىگرىسىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئەمەس، ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ ئارىدا لىۋان باش مىنىستىرى سېنيورى، ئۇرۇش دەرھال توختىتىلمىغىچە رايىس بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كانادادا يۈز بەرگەن ئۆلۈم ‏- يىتىم ۋەقەسىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سەھەردىن باشلاپ 48 سائەت ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۈشەنبە كۈنى لىۋاندىكى بەزى نىشانلارنى يەنە بومباردىمان قىلدى. ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللا شۇ كۈنى بىر بىرىنىڭ نىشانلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلىشقا باشلىغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت