ئىسرائىلىيە خاماس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قارشى

2007-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خاماس تەشكىلاتى بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھەمدە ئىسرائىلىيىنىڭ داۋاملىق تۈردە غەززە رايونىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئورمۇت بۇ سۆزنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىكى يىغىندا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، خاماس ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنمىغان. بەلكى، ئورمۇتنىڭ كۆزدە تۇتقىنى، خاماس تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بولسا كېرەك.

چۈنكى، خاماس سايلام ئارقىلىق پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، فاتاھ تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، بىراق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن فاتاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا زىددىيەتلەر كۈچەيگەن شۇنىڭدەك توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمىتى بۇزۇلغان ئىدى. پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ماخمۇت ئابباس ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن سۆھبەت قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىشى ئارقىلىق پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەمدە يېقىندا ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتنىشىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت بىلەن ھەمدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بىراق، خاماس بولسا، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلماسلىق شەرتىدە چىڭ تۇرغان بولۇپ، بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ھەمدە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەر خاماستىن قوراللىق ۋاسىتە قوللىنىشنى توختىتىشنى ۋە ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

يېقىندا ئىسرائىلىيە تەرەپ غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، ۋەقەدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، خاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئورمۇت ئەنە شۇ پىكىرگە قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەسلىك مەيدانىنى ئىپادە قىلدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت