جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى جون مىكېين ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا بىر ئايالنى تاللىدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېين، جۈمە كۈنى ئالياسكا شتاتىنىڭ ۋالىسى سارا پېيلىن خانىمنى ئۆزىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ تاللىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 بۇ يىل 44 ياشلاردىكى پېيلىن خانىمنىڭ يېشى باراك ئوبامادىن كىچىك بولۇپ، ئۇ ئالياسكا شىتاتىنىڭ ۋالىلىقىغا سايلانغان 2 يىلدىن بېرى بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن تونۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىلىقلارغا ئانچە تونۇش بولمىغان سىياسەتچىدۇر. جون مىكېين جۈمە كۈنى ئوخايۇ شتاتىنىڭ دەيتون شەھىرىدە ئېلىپ بارغان سايلام پائالىيىتى ۋە تۇغۇلغانلىقىنىڭ 72 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سارا پېيلىن خانىمنى مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا تاللىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بەش بالىنىڭ ئانىسى بولغان پېيلىن خانىم ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان جۇمھۇرىيەتچى زاتلارنىڭ بىرى. ئانالىزچىلار، جون مىكېيننىڭ بىر ئايالنى ئۆزىگە ياردەمچى قىلىپ تاللىغانلىقى دېموكراتىك نامزاتلارنىڭ سايلام رىقابىتىدە خىللارىي كلىنتوننىڭ باراك ئوباما تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغانلىقىغا نارازى بولغان ئايال دېموكراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشتىكى بىر تاكتىكا، دەپ قارىماقتا.

شۇنداقلا ئۇنىڭ ياش ئىكەنلىكى، ئىسلاھاتچىلىقى مىكېيننىڭ ئورنىنى كۈچەيتىپ، ياش سايلىغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغانلىقى، ئوبامانىڭ ئامېرىكىنى ئۆزگەرتىش چاقىرىقىغا رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئەگەر سارا پېيلىننىڭ نامزاتلىقى كېلەر دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ دۆلەتلىك قۇرۇلتىيىدا رەسمىلەشسە، بۇ ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئايالنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە چۈشۈشى بولۇپ قالىدۇ. لېكىن سارا پېيلىننى رەقىبى دېموكىراتلار مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى جئو بايدېنغا سېلىشتۇرغاندا تاشقى ئىشلار ۋە ۋاشىنگتوندىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا تەجرىبىلىك دېگىلى بولمايدۇ. بۇ سارا پېيلىننىڭ جئو بايدېنغا نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىقى بولۇشى مۇمكىن.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت