خەمىت كارزاي پاكىستاننى "ئافغانىستاننى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ" دەپ تەنقىتلىدى

2006-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي 12 ‏- دېكابىر كۈنى پاكىستاننى تەنقىتلىگەن. خەمىت كارزاي سۆزىدە "تېررورچىلار پاكىستاندىن ئافغانىستانغا كېلىپ، ئافغان بالىلىرىنى قىرىپ تاشلاۋاتىدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلارنى قوللاۋاتىدۇ. پاكىستان ئەمدى ئافغانىستان خەلقىنى قۇل قىلىشنى ئويلاۋاتسا كېرەك. بۇنىڭغا بىز ھەرگىز يول قويمايمىز" دېگەن.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى تاسنىم ئەسلەم "تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ ئىچىدە، ئۇلار پاكىستان ئۈچۈن چاتاق چىقىرىۋاتىدۇ. پاكىستان تېررورچىلارنىڭ ۋە ئافغانىستان جەڭگاھلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. بىز ھازىر 80 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇق، ئەمدى تېررورچىلارغا قارشى ھەركەت قىلىمىز" دېگەن (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت