جون كەررېي بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

2004-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتى جون كەررېي، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنىڭ ئىلگىرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئەگەر ئۆزى پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا خوڭكوڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

keryy.jpg

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جون كەررېي، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىدىكى ئاپتونومىيە ۋە سىياسى ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى تولۇق ئورۇنلىمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى، " ئەگەر ئۆزەم پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسام خوڭكوڭ مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويىمەن" دەپ تەكىتلىگەن.

جون كەررېي، خىتاينىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىسا تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش نىيىتىدىكى بېيجىڭنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىۋاتقان دېموكراتىك تەيۋەنگە خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جوخن كەرېينىڭ خوڭكوڭ توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان. خوڭكوڭ تۈپ قانۇنى خوڭكوڭغا غەرب ئىستىلىدىكى تولۇق دېموكراتىك ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان، بىراق بۇنىڭ كونكېرت ۋاقىت جەدۋىلىنى تىلغا ئالمىغان.

خوڭكوڭلىقلار خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش پالاتاسى ۋە خوڭكوڭ مەمۇرى رەھبىرىنىڭ ئومۇمى خەلق سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4 - ئايدا ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا ئومۇمى خەلق سايلىمى ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىتسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت