قۇش زۇكىمى ۋە مېنىنگېت كېسىلى ئاسىيادا قايتا ئەۋج ئالدى

2005-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قۇش زۇكىمى ۋە مېنىنگىت كېسىلى ۋېيتنام ۋە خىتايدا تېز تارقىلىپ ئون نەچچە كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ۋېيتنامدا قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 12 گە يەتكەن. سەھىيە خادىملىرى نۆۋەتتە بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تېز ئارىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مەكتەپلەردە تارقالغان مېنىنگىت كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى دۈشەنبە كۈنى 8 گە يەتتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېنىنگىت كېسىلى ھازىرغىچە خىتاينىڭ 11 شەھىرىدە بايقالغان.

مېنىنگىت كېسىلى، مىڭە پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، خىتايدا تارالغان بۇ مېنىنگىت كېسىلى ئاساسلىقى باكتىرىيە تەرىپىدىن قوزغىتىلغاچقا، ئۇنى كونترول قىلماق بىر قەدەر تەس بولىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدا مېنىنگىت كېسىلى يۇقۇملىنىشىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردە ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 ياكى 3 كىشى مېنىنگىت بىلەن يۇقۇملانسا، خىتايدا ھەر 100 مىڭ كىشىنىڭ 500 ئى مېنىنگىت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت