كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادا باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

2005-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىرلەشمىسى يېقىندا كانادا باش مىنىستىرىنى، خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى داۋامىدا خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا باش مىنىستىرى پول مارتىنغا سۇنغان خېتىدە، " مەزكۇر تەشكىلات سىزنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىڭىزدىن پايدىلىنىپ، كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىن ئۇسۇلدا تەرەققىي قىلدۇرىشىڭىزنى ئۈندەيدۇ." دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ خەتتە يەنە، كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى كەسكىن ۋە مۇستەھكەم ھالدا ئەڭ ئالدىنقى كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىغان مەسىلە بولىشى تەكىتلەنگەن.

كانادادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى دەپ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئاجىز پوزىتسىيە تۇتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

كانادا باش مىنىستىرى پول مارتىن يېقىندا ئاسىيا سەپىرىنى باشلاپ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولماقچى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت