پۇتىن رۇسىيىدىكى ئەڭ باي ئادەممۇ؟

2007-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيىدە يېڭى بايلار قوشۇنى كۆپەيمەكتە، بۇلارنىڭ بەزىلىرى رۇسىيە سىياسەت ساھەسىگە ئارىلاشقان شەخسلەر بولسا، يەنە بەزىلىرى سىياسەتتىن سىرتتا بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئۇنداقتا، بۇ بايلار ئىچىدە پرېزىدېنت پۇتىنمۇ بارمۇ؟

ئەنگلىيىنىڭ "گۇئاردىيان" ناملىق نەشىرەپكارى، يېقىندا بىر پارچە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، پۇتىننىڭ رۇسىيىدىكى ئەڭ باي ئادەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پۇتىن پرېزىدېنت بولغان سەككىز يىل ئىچىدە 40 مىليارد دوللارلىق بايلىق توپلىغان. ئۇ رۇسىيىنىڭ "سۇرگۇتنەفىتگاز" شىركىتىنىڭ %37،"گازپروم" شىركىتىنىڭ %4.5 ئاكسىيىسىنى كونترول قىلغان ھەمدە "گۇنۋور" كومپانىيىسى بىلەنمۇ شېرىكلەشكەن.

بۇ مەلۇماتنى رۇسىيە سىياسەتچىسى بېرىۋسكىي " گۇئاردىيان" دا ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پۇتىنىڭ بايلىقى ئاز دېگەندە 40 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە قانداق سودىلىرى بارلىقى نامەلۇم. بىراق، پۇتىننىڭ نامى بايلار تىزىملىكىدە ئاشكارا يېزىلمايدىكەن.

بېرۋسكىينىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى پۇتىنىڭ "يېڭى سوۋىت" سىياسىي قىياپىتىنىڭ ئالدىشىغا ئۇچرىدى، ئەمەلىيەتتە بولسا، پۇتىن تىپىك "سودىگەر"دۇر. ئۇ پۇل ئارقىلىق ئالۋاستىلارنىمۇ قىينىغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

بىراق، 21- دېكابىر كۈنى "گۇنۋور" شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىننىڭ بۇ شىركەتنىڭ پايدا شېرىكى ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرنى ئىنكار قىلدى. مەزكۇر شىركەت "گۇئاردىيان"غا خەت ئەۋەتىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ كرېمىل سارىيى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، پۇتىننىڭ بۇ شىركەتنىڭ پايدىسىغا شېرىك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇچۇرلارنىڭ خاتا مەلۇمات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت