ئامېرىكا خىتاينىڭ تىبەتتىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدى

2008-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي تىبەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئۆمەككە قاتنىشىش تەكلىپى ئەۋەتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى شان مېكورمېكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۆمەك تىبەت ۋە قوشنا رايونلاردا جۈمە ۋە شەنبە ئىككى كۈن تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن تەكلىپنى قوبۇل قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىنىشىچە، مېكورمېك بۇنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئېلىنغان بىر قەدەم دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ قېتىملىق خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان لخاسا، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق رايونلارنى ۋە تىبەت ئىچىدىكى كىرىش پۈتۈنلەي مەنىي قىلىنغان رايونلارنى تولۇق ئېچىۋېتىش جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مېكورمېك يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا سەۋرچان بولۇشقا ۋە دالاي لاما بىلەن ئاشكارا دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

بۇ ئاينىڭ 10 - كۈنى تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدە باشلانغان نارازىلىق نامايىشىنىڭ تەسىر دائىرىسى تىبەتنىڭ بەزى ۋىلايەتلىرى ۋە تىبەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قوشنا رايون، ئۆلكىلەرگىچە كېڭىيىپ، بۇ ئاۋغۇستتا ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخان بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن جىددىي باستۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە خىتاينىڭ تىبەت نامايىشچىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

تىبەتلەرنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلىك نامايىشچىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ھازىرغا كەلگۈچە 140 چە ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا نىسبەتەن سەۋرچان بولغانلىقىنى، ئەكسىچە نامايىشچىلارنىڭ بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت