تۈركمەنىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى

2007-02-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى پرېزىدېنت سايلىمى تىزىملاتقان ئادەملەرنىڭ 99% نىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئالتە ئادەم پرېزىدېنتلىق ئورنى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن جۇمھۇرىيەت بويىچە بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقان. سايلامنىڭ نەتىجىسى دۈشەنبە كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ قېتىم سايلامغا چۈشكەن ئالتە ئادەمنىڭ ھەممىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەم ئەينى ۋاقىتتا سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ تەرىپىدىن قانۇنلۇق دەپ بېكىتىلگەن پارتىيىدىن بولۇپ، گەرچە چەتئەللەردە پائاللىيەت قىلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيىلەر دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم سايلامغا چۈشمىگەن.

ئەمما، ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرىدىن بىر بورىس شىخمۇرادوپ بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ كۆپلىگەن ئۆلچەمگە خىلاپ قىلمىشلار بىلەن ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سەپەر مۇرات نىيازوپ ۋاپات بولغاندىن بېرى ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى بېجىرىۋاتقان قۇرباڭۈل بەردىمۇھەممەدوپنىڭ سايلامدا غەلىبە قازىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ زور ئىكەن.

تۇركمەنىستان خەلق مەسلىھەتى دەپ ئاتالغان پارلامېنت 14 –فېۋرال كۈنى يېڭى پرېزىدېنتنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشىنى بېكىتكەن.

جۇمھۇرىيەتنى 21 يىل ئىدارە قىلغان سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ يىل 2-ئايدا سايلام ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت