بەردىموھەممەدوفنىڭ تۈركمەنىستان پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك

2007-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركمەنىستان دائىرىلىرى، يەكشەنبە كۈنى تۈركمەنىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ 98 پىرسەنتىنىڭ سايلامدا بىلەت تاشلىغانلىقىنى ۋە سايلامنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما سايلامنى كۆزەتكەن چەتئەل مۇخبىرلىرى، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئېيتقاندەك، يۇقىرى بولمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

يەكشەنبە كۈنى تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىغا ھېچقانداق خەلقئارالىق تەشكىلات كۆزەتكۈچى ئەۋەتمىگەن بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سايلامنى ئادالەتلىك بولمىغان دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئەمما، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىغا گەرچە ئوخشاش پارتىيىنىڭ ئەزالىرى بولسىمۇ، 6 كىشىنىڭ ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى، توغرا يولدا ئىلگىرىلەشنىڭ بىر بىشارىتى دەپ قارىماقتا.

تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، 6 كىشى ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن، ئەمما بۇ ئالتە كىشىنىڭ ھەممىسى، 2006‏- يىلى 21‏- دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆلگەن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ پارتىيىسى بولغان تۈركمەنىستان دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، تۈركمەنىستاننىڭ ۋاقىلىق پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بەردىموھەممەدوفنىڭ، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.

ئۇكرائىنىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەردىمۇھەممەدوف يەكشەنبە كۈنى تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا بېرىلگەن ئاۋازلارنىڭ 95 پۇرسەنتىنى قولغا كەلتۈرگەن. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت