يەكشەنبە كۈنى تۈركمەنىستاندا سايلام باشلىنىدۇ

2007-02-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

20 يىلدىن بېرى بىر دىكتاتور تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان تۈركمەنىستان خەلقى، يەكشەنبە كۈنى ئۆزلىرىگە يېڭى بىر پرېزىدېنت سايلاش ئۈچۈن سايلامغا قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى، گەرچە تۈركمەنىستاندا پەقەت بىر پارتىيە، يەنى سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ دېموكراتىيە پارتىيىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۆزىنى پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە نامزات كۆرسەتكەنلىكىدۇر.

بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىدا 6 كىشى ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن. 2006‏- يىلى 21‏- دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆلگەن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف، 20 يىل تۈركمەنىستاننى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن. ئۇ ئۈزىنى پۈتۈن تۈركمەنلەرنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتاپ، ھەتتا كۈنلەر، ھەپتىلەر ۋە ئايلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا ئۆز، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمىنى قويغان ئىدى.

لېكىن، تۈركمەنىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قۇرناغۇلى بەردىموھەممەدوف، گەرچە ئۆزى 6 پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ بىرى بولسىمۇ، نىيازوفنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن نامزاتلارغا تېلېۋىزىيىدىكى تەشۋىقاتلاردا ئوخشاش ۋاقىت ئاجراتماقتا.

بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بۇ سايلام مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز مەنبەلىرىگە ئىگە ھەمدە ئىستراتېگىيلىك جەھەتتىن ئەھمىيەتلىك تۈركمەنىستاننىڭ ئاستا-ئاستا سىياسىي يۆنىلىشىنى ئۆزگەتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى ھېسابلىنىدۇ، دېيىشمەكتە.

ئەمما تۈركمەنىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى 2006‏- يىلى 21‏- دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوفنىڭ تەسىرىدىن قانداق قىلىپ قۇتقۇزالايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت