ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى يانۇكوۋېچنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى

2004-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى قارار چىقىرىپ، پرېزىدېنت سايلىمى نامزاتى ھازىرقى باش مىنىستىر يانۇكوۋېچنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئەرزىنى رەت قىلدى. يانۇكوۋېچ، 26 - دېكابىردىكى سايلامدا ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئالى سوت مەھكىمىسىگە داۋا ئاچقان. سايلامدا ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يوشىنكۇ غەلىبە قىلغان ئىدى. بىراق يانۇكوۋېچسوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىش پىلانى يوقلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى يانۇكوۋېچنىڭ ئەرزىنامىسىنى كۆرۈپ چىقىپ، پەيشەنبە كۈنى ھۆكۈم چىقاردى. سايلامدا غەلىبە قىلغان يوشىنكۇ، ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى يانۇكوۋېچ ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەسلىك ئاۋازى بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت قانۇنىلىقىنى يوقاتتى، دەپ كۆرسەتكەن. يۇشىنكو ئۇكرائىنىيىدىكى 2 - قېتىملىق سايلامدا ئومۇمى بىلەتنىڭ 50٪ دىن كۆپەرەكىنى ئېلىپ، موسكۋاپەرەس رەقىبى يانۇكوۋېچنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى. ئۇكرائىنىيىدە بۇ يىل 11 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا يانۇكوۋېچ غەلىبە قىلغان. بىراق ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى، سايلامدا ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىپ، قايتا سايلام ئېلىپ بېرىشنى بۇيرىغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت